خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:19-نويابىر، شىنجاڭنىڭ ئالتاي رايونىدا قار ياغدى. يېڭىدىن كەلگەن سوغۇق ھاۋانىڭ تەسىرگە ئۇچراپ،18-نويابىر كەچتە، ئالتاي رايوننىڭ چىڭگىل ناھىيەسى، كۆكتوقاي ناھىيەسىدە قار يېغىپ، قاردىن كېيىن ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 19گرادۇسقا چۈشۈپ قالغان. ھاۋارايى تارمىقىدىن ئىگىلىنىشچە، 18-نويابىردىن 19-نويابىرغىچە چىڭگىل ناھىيەسىدە ئازىراق قار ياغقان، تاغ رايونىدا ئوتتۇرا ھال قار ياغقان،4بالدىن 5 بالغىچە غەرب شامىلى چىققان، شامال ئېغىزى ۋە باياۋاندا شامال كۈچىدە 8 بال ئەتراپىدا بولغان، تېمپېراتۇرا كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىگەن.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى