جۇڭگودىكى تۇنجى «ھاڭۋېقىش مۇسابىقىسى » 18-نويابىر چىڭدۇ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلۈپ ، 200 گە يېقىن كىشى مۇسابىقىگە قاتناشتى . بۇ مۇسابىقىنىڭ تەلىپىدە ، ماھىرلار چوقۇم بەلگىلەنگەن ئىككى سائەتنىڭ ئىچىدە مىدىرماسلىقى ، كۈلمەسلىكى ، ئۇخلىماسلىقى كېرەككەن ، خىلاپلىق قىلغۇچىلار شاللىنىدىكەن . مۇسابىقىگە قاتناشقانلار ئىچىدە ئەڭ چوڭىنىڭ يېشى 70 ياش بولۇپ ، ئەڭ كىچىكىنىڭ يېشى ئاران 10 ياش ئىكەن .