خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «تاكسىچىنىڭ خوتۇنى»دىن كېيىنكى يەنە بىر ئۇيغۇرچە ئۆي ئىچى تېلېۋىزىيە تىياتىرى «بۇ ئائىلىگە قاراڭ» بۈگۈن كەچ ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 8دىن باشلاپ شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئۇيغۇرچە قانىلىدا كۆرسىتىلىدۇ.
شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى سۆرەتكە ئېلىپ ئىشلىگەن ئۆي ئىچى تېلېۋىزىيە تىياتىرى «بۇ ئائىلىگە قاراڭ» فىلىمىدە داڭلىق كۈلدۈرگە ئارتېسىمىز ئابدۇكېرىم ئابلىز، خاسىيەت قۇربان قاتارلىقلار باش رول ئالغان بولۇپ، ئاددىي بىر ئائىلىدىكى كۈندىلىك تۇرمۇشتا يۈز بەرگەن قىززىقارلىق ئىشلار تەسۋىرلىنىپ، ئۇيغۇرچە يۇمۇرىستىك ئامىللار بىلەن ئاددىي بىر ئائىلىنىڭ خوشال ھەم بەختلىك تۇرمۇشى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرى شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئۇيغۇرچە قانىلىدا كۆرسىتىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا خۇيۈ تورى، جۇڭگو ئۇيغۇرچە سىن تورى قاتارلىقلاردا ماس قەدەمدە كۆرسىتىلىدىكەن.
مەنبە: خەلق تورى