خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، چۇڭچىڭ شەھىرىنىڭ فۇلىڭ رايونى قىزىل ھاراق كەنتىدىكى بىر مېھمانساراينىڭ ماشىنىنى توختۇتۇش مەيدانىدا ، بايۋەچچە، ئاكا. نازىنىن، سىڭىلچاق دېگەن نامدىكى30نەچچە مەخسۇس ماشىنا توختىتىش ئورنى تەسىس قىلىنغان. ئىگىلىنىشچە، مېھمانساراي ئوچۇق رەڭ ۋە توردىكى مودا بولۇۋاتقان سۆزلەر بىلەن ماشىنا توختىتىش ئورنىغا بۇ ناملارنى يېزىپ قويغان، مەقسىتى ساياھەتچى شوپۇرلارنى قالايمىقان ماشىنىسىنى توختاتماسلىقىغا ئاگاھلاندۇرۇپ ، چوقۇم سىزىق سىزغان جايغا توختىتىپ ، ماشىنىنى توختىتىش تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇش ئىكەن .
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى