پۈتۈن دۇنيادىكى دەرىجىدىن تاشقىرى بايلارنىڭ ئىقتىسادى ئامېرىكا ئومۇمىي ئىقتىسادىنىڭ ئىككى ھەسسىسىنى قاتلايدۇ
ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، 2014-يىلى پۈتۈن دۇنيادا 30 مىليون دوللاردىن يۇقىرى ساپ مۈلكى بار دەرىجىدىن تاشقىرى بايلارنىڭ سانى بۇلتۇرقىدىن 12 مىڭ 40 ئادەم، يەنى %6 كۆپىيىپ، 211 مىڭ 275 غا يەتكەن. دەرىجىدىن تاشقىرى بايلارنىڭ ئومۇمىي بايلىقى %7 ئېشىپ، 30 تىرىليون دوللارغا يېتىپ، ئامېرىكا ئومۇمىي ئىقتىسادىنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە تەڭلىشىپ قالغان.
ئىگىلىنىشىچە، دەرىجىدىن تاشقىرى بايلار ئىچىدە، ئەرلەر 183 مىڭ 810 نەپەر، ئاياللار 27 مىڭ 465 نەپەر ئىكەن. ئامېرىكا دەرىجىدىن تاشقىرى بايلار ئەڭ كۆپ دۆلەت ئىكەن. گەرچە، دەرىجىدىن تاشقىرى بايلارنىڭ ئومۇمىي سانى پۈتۈن دۇنيادىكى قۇرامىغا يەتكەنلەر نوپۇسىنىڭ %0.004ىنى ئىگىلەيدىغان بولسىمۇ، بىراق، ئۇلار پۈتۈن دۇنيادىكى %13 بايلىقنى كونترول قىلىپ تۇرىدىكەن. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، %64 دەرىجىدىن تاشقىرى باي قۇرۇق قول ئىگىلىك تىكلىگەن، پەقەت %17 باينىڭ مۈلۈكىلا ۋارسلىقتىن كەلگەن. پۇل خەجلەش جەھەتتە، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ھەر بىرەيلەن ھەر يىلى راھەت-پاراغەت بۇيۇملىرى ۋە مۇلازىمەتلىرىگە 1 مىليون 100 مىڭ دوللار سەرپ قىلىدىكەن