باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مائارىپ

3-نۆۋەتلىك ئۆزتۈرك مۇكاپاتى12-دىكابىر تارقىتىلىدۇ

2014.12.10 23:25   مەنبە: خەلق تورى

3-نۆۋەتلىك ئۆزتۈرك مۇكاپاتى12-دىكابىر تارقىتىلىدۇ

  سۆرەتتە: ئالدىنقى يىللاردىكى مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى

  ئۆزتۈرك فوندى خەۋىرى: «ئۆز تۈرك فوندى»دىن ئىگىلىنىشىچە، شىنجاڭ ئۆز تۈرك خەلقئارا سودا چەكلىك شركىتى تەسىس قىلغان، شىنجاڭ ئاياللار بالىلار تەرەققىيات فوندى ھەمكارلىشپ ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتقان «ئاسپرانت قىزلار» ئۆز تۈرك مۇكاپاتىنىڭ 3-نۆۋەتلىك تارقىتىش مۇراسىمى 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى جۈمە چۈشتىن كېيىن سائەت 1:30 دە ئۈرۈمچى شەھىرى چوڭ بازار مەرىكە زالىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ.

  ئۆز تۈرك شىركىتى ئىجرائىيە باش دېرىكتورى، ئۆز تۈرك مۇكاپاتىنىڭ باش پىلانلىغۇچىسى تاھىر ئىمىن ئەپەندى مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ يىلدىن باشلاپ ئاسپرانت قىزلار ئۆز تۈرك مۇكاپاتى ھەر يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى تارقىتىلىدۇ، بۇ يىللىق مۇراسىمغا مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەر، يېتەكچى ئوقۇتقۇچىلار ۋە باشقا ھەرساھەدىن 500 نەپەر مىھمان تەكلىپ قىلىنىدۇ.

  12 پەن بويىچە ھەر مىللەت ئاسپرانت قىزلىرىدىن ئوقۇش نەتىجىسى، ئەخلاقى، تەتقىقات ساھەسى بويىچە باھالانغان ماگىستىر ۋە دوكتۇر ئاسپرانت قىزلار مۇكاپاتلىنىدۇ. ئۆز تۈرك مۇكاپاتى 2012-يىلى يولغا قويۇلغان بولۇپ، ھەر يىلى ھەر قايسى پەنلەردە نەتىجىسى ياخشى باھالانغان ئاسپرانت قىزلارغا تارقىتىلىدۇ .

  قىز-ئاياللارنىڭ يۇقىرى مائارىپتىن بەھرىمەن بولۇشىغا ئىلھام بېرىش ئۈچۈن تەسىس قىلىنغان بۇ مۇكاپاتنىڭ تېخىمۇ كۆپ خانىم-قىزلارغا ئىلھام بېرىشنى ئۈمىد قىلىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·3-نۆۋەتلىك ئۆزتۈرك مۇكاپاتى12-دىكابىر تارقىتىلىدۇ
      ·ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئىسلاھاتى لايىھەسىدىكى مۇستەقىل ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش سىياسىتى ئېلان قىلىنىش …
      ·خۇاۋېي  شىركىتى ئۆزبېكىستاندىكى ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇش مۇكاپات پۇلى تارقاتتى(1)
      ·شىنجاڭدا پۇتبول تۈر مەكتەپلىرى ھەر يىلدا بىردىن ئۈچ تۈمەن يۈەنگىچە مەشىق راسخوتى ياردىمىگە ئېرىشىدۇ
      ·ئېلىمىز ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ مائارىپ ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا ئىلھام بېرىدۇ
      ·جۇڭگودىن چەت ئەلدە ئوقۇپ ۋەتەنگە قايتقانلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش كۆك تاشلىق كىتابىدا بۇلتۇر چەت ئەلد…
      ·2015-يىللىق مەملىكەتلىك ماگېستىر ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانى 12-ئاينىڭ 27-كۈنىدىن 29-كۈنىگىچە ئېلىنىدۇ
      ·تەپكۈچ تېپىش مۇسابىقىسى 
      ·مەركەز مالىيەسى كېلەر يىللىق شەھەر-يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپىغا 69 مىليارد 720 مىليون يۈەن تولۇقلىمىن…
      ·تارىم ۋادىسىدىكى ئىلىم-مەرىپەت بۆشۈكى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ  قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70يىللىقى …