باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلىتىمىز 24تۈرلۈك تاۋار ۋە مۇلازىمەتنىڭ باھاسىنى قويۇۋېتىدۇ

2015.01.06 16:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 4-يانۋار دۆلەت تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگەللىشىچە، 2014-يىلى 11-ئاينىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن باشلاپ، دۆلەت تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار بىلەن بىرلىكتە سەككىز پارچە ھۆججەتنى بېسىپ تارقىتىپ، 24تۈرلۈك تاۋار ۋە مۇلازىمەتنىڭ باھاسىنى قويۋىتىپ، بىر تۈرلۈك باھا بېكىتىش ھوقۇقىنى  چۈشۈردى.

  كۆك تاماكا سېتىۋىلىش باھاسىنى قويۇۋەتتى.

  تۈرلۈك رىقابەت شارائىتى ھازىرلىغان تۆمۈر يول ترانسىپورت باھاسىنى قويۇۋەتتى 4  .

  خەلق ئاۋىئاتسىيىسىنىڭ دۆلەت ئىچى مال توشۇش باھاسى ۋە قىسمەن يولۇچى توشۇش باھاسىنى قويۇۋەتتى.

  پورت رىقابەت خاراكتېرلىك مۇلازىمەت ھەققى ئېلىشنى قويۇۋەتتى.

  خەلق تۇرمۇشىغا ئىشلىتىلدىغان پارتلىتىش بۇيۇملىرى ۋە خەتەرلىك بۇيۇملار ئەسۋابلىرىنىڭ زاۋۇتتىن چىقىش باھاسىنى قويۇۋەتتى.

  يەتتە تۈرلۈك مەخسۇس مۇلازىمەت باھاسىنى قويۇۋەتتى.

  يەرلىككە توققۇز تۈرلۈك تاۋار ۋە مۇلازىمەتنىڭ باھاسىنى قويىۋىتىشقا يوليورۇق بەردى.

  ئۇنىڭدىن باشقا، دۆلەت تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى، ئۆلكىلىك مەمۇرىي رايون ئىچىدە ئىجرا قىلىندىغا قىسقا مۇساپىلىك تۇرۇبا ترانسىپورت باھاسىنى باشقۇرۇش ھوقۇقىنى ئۆلكە دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ باشقۇرۇشىغا چۈشۈرۈپ بەردى.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر