خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2-چېسلا، ھىندونېزىيە ئوتتۇرا كالىمانتان ئۆلكىسى ئىسكەندەر ھاۋا ئارمىيە بازىسىدا، قازا قىلغۇچىلارنىڭ مېيىتىنى يۆتكەيدىغان ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى تىك ئۇچار ئايروپىلانىنىڭ خىزمەتچىلىرى ئايروپىلان توختىتىش سۇپىسىدىن يۈگۈرۈپ ئۆتمەكتە. شۇ يەر ۋاقتى 2-چېسلا سائەت 18دە، ھىندونېزىيە قۇتقۇزۇش خادىملىرى، ھادىسىگە ئۇچرىغان ئايروپىلاندىكى 30 نەپەر قازا قازا قىلغۇچىنىڭ جەسىتىنى سۈزۈپ چىققان، بۇنىڭ ئىچىدە، 9نەپىرى سۇراباياغا يۆتكەلگەن، 4نەپىرىنىڭ سالاھىيىتى ئېنىقلانغان.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى