خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ7-يانۋار، بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:6-يانۋار، تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە،ساقچىلار پارتلاش نەق مەيداننى تەشكۈرمەكتە.
تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرى ئىستانبۇلدىكى مۇھىم مەنزىرە رايوننىڭ ساقچى ئىدارىسىدا 6-يانۋار كەچتە ئۆلۈۋېلىش خاراكتېرلىك پارتلاش ھۇجۇمى يۈز بېرىپ،2 ئادەم ئۆلۈپ، 1ئادەم يارىلاندى.ئىستانبۇل شەھىرىنىڭ ئۆلكە باشلىقى ۋاسىف ساھىننىڭ دېيىشىچە،بىر ئايال ئىستانبۇلنىڭ سۇلتان ئەھمەد مەيداندىكى ساقچى ئىدارىسىدا بومبىنى پارتلىتىپ نەق مەيداندا ئۆلگەن،پارتلاشتا يەنە بىر ساقچى ئۆلۈپ،بىر ساقچى يارىلانغان . ھازىر،ساقچى تەرەپ بۇ ئايالنىڭ سالاھىيەت بىلەن دۆلەت تەۋەلىكىنى تەكشۈرمەكتە.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لۇ جې فوتوسى
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى