باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى ئىشسىزلارنى تىزىملاش تۈزۈمىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزدى

شۇ يەرنىڭ نوپوسى بولمىسىمۇ تىزىمغا ئېلىنىدۇ

2015.01.07 17:28         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ياردەم پۇلى بەلگىلىمە بويىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، يۆلەش سىياسىتىدىن تەدرىجىي بەھرىمەن بولىدۇ

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىشقا ئورۇنلىشىش-ئىشسىزلىقنى تىزىملاشتا نوپوس چەكلىمىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش باشلاندى. ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى يېقىندا ھۆججەت چىقىرىپ، جايلاردىن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ئىشسىزلىقنى تىزىملاش شەرتىنى بوشاشتۇرۇپ، شەھەر-بازاردىكى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئەمگەك يېشىغا يەتكەن، ئەمگەك ئىقتىدارى بار، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى تەلەپ قىلغان، ئىشسىز ھالەتتە تۇرىۋاتقان دائىمىي تۇرۇشلۇق كىشىلەرنى شۇ جايدىكى جامائەت ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئىختىساسلىقلار مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرىنىڭ ئىشسىزلىق بويىچە تىزىملىشىغا رۇخسەت قىلىشى كېرەك. ئىشسىزلىقنى تىزىملاش شەرتىگە چۈشىدىغانلارنى ئادەم بىلەن نوپوسى ئايرىلغانكەن، نوپوسى بۇ يەردە ئەمەسكەن، ئارخىپى يوقكەن دېگەندەك باھانە-سەۋەبلەر بىلەن رەت قىلىشقا يول قويۇلمايدۇ.

  ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى 2007-يىلى ئېلان قىلغان «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى»نى ئۆزگەرتتى، ئۆزگەرتىلگەن بۇ بەلگىلىمە بۇ يىل 2-ئايدا يولغا قويۇلىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر