باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

گوۋۇيۈەن ئىشخانىسى«جىددى تاقابىل تۇرۇش كەسىپىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش توغرىسىدىكى پىكىرنى» بېسىپ تارقاتتى

2014.12.25 11:17         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا، گوۋۇيۈەن ئىشخانىسى«جىددىي تاقابىل تۇرۇش كەسىپىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش توغرىسىدىكى پىكىرنى» بېسىپ تارقاتتى، جىددىي تاقابىل تۇرۇش كەسىپىنىڭ تەرەققىياتىنىڭ ئومۇمىي تەلىۋى، ئاساسلىق ۋەزىپىسى ۋە سىياسەت تەدبىرلىرىنى ئايدىڭلاشتۇردى، 2020-يىلغىچە جىددىي تاقابىل تۇرۇش كەسىپىنىڭ كۆلىمىنى كۆرىنەرلىك كېڭەيتىش، جىددىي تاقابىل تۇرۇش كەسىپ سېستىمىسىنى ئاساسەن شەكىللەندۈرۈش، تاسادبىي يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە بىر تەرەپ قىلىشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەپ، ئىقتىسادىي ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىدىغان مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلاندۇرۇش كېرەك دەپ ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ ئېلىمىزنىڭ تۇنجى قېتىم جىددىي تاقابىل تۇرۇش كەسىپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشۇرۇشى.

  «پىكىر» دەپ مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: جىددىي تاقابىل تۇرۇش كەسىپى تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە جىددىي تاقابىل تۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش، نازارەت قىلىش ۋە ئالدىن سېگنال بېرىش، بىر تەرەپ قىلىش ۋە قۇتقۇزۇشنى مەخسۇس مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدىغان كەسىپ. جىددىي تاقابىل تۇرۇش كەسىپىنى راۋاجلاندۇرۇش ئارقىلىق كۆپ نەپكە ئېرىشكىلى بولىدۇ، بۇ دۆلەتنىڭ ئاممىۋى بىخەتەرلىك ئاساسىي سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، يېڭى ئىقتىسادىي ئېشىشى نۇقتىسىنى يېتىلدۈرۈش ۋە جىددىي تېخنىكا جابدۇقلىرىنىڭ يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق. جىددىي تاقابىل تۇرۇش كەسىپى تەرەققىياتىدا بازارنىڭ يېتەكچىلىكى، ھۆكۈمەتنىڭ يېتەكچىلىكىدە، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، ئىھتىياج يېتەكچى بولۇشتا چىڭ تۇرۇش، بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈش، ماس تەرەققي قىلىش، جەمئىيەت ئۈچۈن، ئىقتىساد ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر