خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كۆكخوت تۆمۈر يول ئىدارىسىدىن ئىگىلىنىشچە، ئىچكى موڭغۇل جىنىڭ باۋتۇ لىنىيىسىدە 8-يانۋار دىنامىكىلىق پويىز قاتنايدىكەن. بۇ ئىچكى موڭغۇلدا تۇنجى قاتنىغان دىنامىكىلىق پويىز ھېسابلىنىدىكەن. 6-يانۋار، بۇ لىنىيەنىڭ مۇلازىمەتچىلىكىگە تەيىنلەنگەن ئايال مۇلازىمەتچىلەر يېڭى شەكىلدىكى خىزمەت كىيىمىنى(فورما) كىيىپ، كۆكخوت دىنامىكىلىق پويىز مەركىزىدە نامايان بولدى. بۇ مۇلازىمەتچىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى 25ياش بولۇپ، ئۇلارنىڭ خىزمەت كىيىمىگە(فورما) مىللىيچە پۇراق سىڭدۈرۈلگەن.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى