- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
مەملىكىتىمىز بەلگىلىمە چىقىرىپ، مەخپىي تىڭشاش، سۈرەتكە تارتىش ئۈسكۈنىلىرىنى قانۇنسىز ياساش، سېتىش قاتارلىق قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بېرىدۇ
2015.01.07 17:30 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش باش ئىدارىسى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى تور پونكىتىدا «مەخپىي تىڭشاش، سۈرەتكە تارتىش مەخسۇس ئۈسكۈنىلىرى بىلەن <ساختا ئاساس پونكىتى> ئۈسكۈنىلىرىنى قانۇنسىز ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش، ئىشلىتىشنى مەنئىي قىلىش توغرىسىدىكى بەلگىلىمە» نى ئېلان قىلدى. بەلگىلىمىدە تەبىئىي ئىگىلەر، قانۇن ئىگىلىرى ۋە باشقا تەشكىلاتنىڭ مەخپىي تىڭشاش، سۈرەتكە تارتىش مەخسۇس ئۈسكۈنىلىرى بىلەن <ساختا ئاساس پونكىتى> ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشى، سېتىشى، ئىشلىتىشى مەنئىي قىلىنىدۇ، دەپ بېكىتىلدى.
سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش باش ئىدارىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قانۇنسىز ئۇنسۇرلار مەخپىي تىڭشاش، سۈرەتكە تارتىش مەخسۇس ئۈسكۈنىلىرى بىلەن <ساختا ئاساس پونكىتى> ئۈسكۈنىلىرىدىن پايدىلىنىپ، قانۇنسىز جىنايەت ئۆتكۈزۈش ئىشلىرى كۆپىيىپ كەتتى، ھەتتا قانۇنسىز جىنايەت ئۆتكۈزۈشتىكى مەنپەئەت زەنجىرىنى ھاسىل قىلدى. بۇنىڭ ئۈچۈن، سودا-سانائەت مەرمۇرىي باشقۇرۇش باش ئىدارىسى ج خ مىنىستىرلىقى، سۈپەت-تېخنىكا نازارەتچىلىكى «مەخپىي تىڭشاش، سۈرەتكە تارتىش مەخسۇس ئۈسكۈنىلىرى بىلەن <ساختا ئاساس پونكىتى> ئۈسكۈنىلىرىنى قانۇنسىز ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش، ئىشلىتىشنى مەنئىي قىلىش توغرىسىدىكى بەلگىلىمە»نى مۇزاكىرە قىلىپ تۈزۈپ چىقتى.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر