خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بېيجىڭ2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك ئىلتىماس قىلىش كومىتېتى ۋەكىللەر ئۆمىكى، 6-يانۋار شىۋىتسارىيىنىڭ لائۇسانغا جايلاشقان خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ باش شتابىغا كىرىپ، ئىلتىماس قىلىش دوكلاتىنى ۋاقتىدا تاپشۇردى.ئىلتىماس قىلغۇچى شەھەرنىڭ خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىغا ئىلتىماس قىلىش دوكلاتى تاپشۇرۇشى، ئولىمپىك ئىلتىماس قىلىش جەريانىدىكى مۇھىم ھالقا، بۇ ئىلتىماس قىلىش خىزمىتىنىڭ يېڭى بىر باسقۇچقا كىرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى