خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-يانۋار، بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى(مەلىكەم): 5-يانۋار، زامانىمىزدىكى مەشھۇر خەتتات-رەسساملارنىڭ شىنجاڭغا ئەسەر تەقدىم قىلىش پائالىيىتى»بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن ۋېييۈەنجاڭى ئەركىن ئىمىرباقى ، داڭلىق يازغۇچى، تەرجىمان ئەكبەر غولام قاتارلىقلار ئالاھىدە تەكلىپ قىلىندى.
داڭلىق خەتتات، جۇڭگو مەدەنىيەت-سەنئەت تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى، جۇڭگو ھۆسنخەت ۋە رەسىم سەنئىتى تەتقىقات ئورنىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باشلىقى شۈي شۇاڭشىمۇ بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە تەكلىپ قىلىندى ھەم نەق مەيداندا «جۇڭگو ئارزۇسى»ۋە «چىن يۈەنچۇەن .قار»دېگەن بېغىشلىمىلارنى يازدى. پائالىيەتكە قاتناشقان جۇڭگونىڭ داڭلىق سىياھ رەسىم ، جۇڭگوچە رەسىم ئۇستىسى، خەتتات جاڭ خەنجۇڭ قاتارلىق داڭلىق خەتتات ۋە رەسساملار پائالىيەتتە ئىشلىگەن ئەسەرلىرىنى تەقدىم قىلدى. بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى جۇڭگو خەتتاتلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى دراما ۋە ئەلنەغمە قانالنىڭ رېژىسسورى لو جيەنجۈن ئۇيۇشتۇرغان.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى