باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

نەنجىڭ شەھەرلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئايال ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش مەخسۇس تۈر كوللېكتىپ توختامى ئۈلگە نۇسخىسىنى ئېلان قىلدى

نەنجىڭدا ئايال ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئادەت مەزگىلىدە بىر كۈن ئارام ئالسا بولىدۇ، ئىمىتىش ۋاقتىنى يىغىپ ئىشلەتكىلى بولىدۇ

2015.11.17 13:46         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى (ئالىم راخمان تەرجىمىسى) «ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت، مۇلازىمەت پائالىيەتلىرى بىلەن بىۋاستە شوغۇللىنىدىغان ئايال ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئادەت مەزگىلىدە ئادەت مەزگىلىدىكى بىر كۈن ئارامدىن بەھرىمەن بولىدۇ.» «ئورۇنلار 45 ياشتىن يۇقىرى كېلىماكتېرىيە دەۋرىدىكى ئايال ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى قوغداش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى لازىم. » ... يېقىندا نەنجىڭ شەھىرى بويىچە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ئايال ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش مەخسۇس تۈر كوللېكتىپ توختام خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش تەربىيەلەش كۇرسىدا، يېڭى ئۆزگەرتىپ تۈزۈلگەن «نەنجىڭ شەھىرىنىڭ ئايال ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش مەخسۇس تۈر كوللېكتىپ توختامى (ئۈلگە نۇسخىسى)» ئېلان قىلىندى.

  نەنجىڭ شەھەرلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئايال ئىشچى-خىزمەتچىلەر كومىتېتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، نەنجىڭ شەھىرىدىكى ھەر دەرىجىلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ئايال ئىشچى-خىزمەتچىلەر مەخسۇس تۈر كوللېكتىپ توختامى ۋە كوللېكتىپ توختام ماس قەدەمدە شەكىللىنىپ، ماس قەدەمدە ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ماس قەدەمدە ئىلگىرى سۈرۈلدى. نۆۋەتتە شەھەر بويىچە 9700 پارچىدىن كۆپرەك ئايال ئىشچى-خىزمەتچىلەر مەخسۇس تۈر كوللېكتىپ توختامى ئىمزالىنىپ، 32 مىڭ كارخانىدىكى 605 مىڭ ئايال ئىشچى-خىزمەتچى قاپلاندى. ئۆتكەن يىلدىن باشلاپ، نەنجىڭ شەھىرى «نەنجىڭ شەھىرىنىڭ ئايال ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش مەخسۇس تۈر كوللېكتىپ توختامى (ئۈلگە نۇسخىسى)»نى يەنە بىر قېتىم ئۆزگەرتىپ مۇكەممەللەشتۈردى ھەمدە پۈتۈن شەھەرگە كېڭەيتتى.

  بايقىلىشىچە، سىناق نۇسخىدىكى توختامدا باش پرىنسىپ، ئايال ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش، ئايال ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئالاھىدە ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش قاتارلىق بىر قانچە چوڭ تۈر ئۆز ئىچىگە ئېلىنغان. ئالاھىدە ھوقۇق مەنپەئەتىنى قوغداش ماددىلىرىدا ئايال ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئادەت مەزگىلىدىكى قوغدىلىشى، ئۈچ قارارلىق قوغدىلش قاتارلىق مەزمۇنلار ئۆز ئىچىگە ئېلىنغان. توختام سىناق نۇسخىسىدا، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت، مۇلازىمەت قاتارلىق پائالىيەتلەر بىلەن بىۋاستە شۇغۇللىنىدىغان ئايال ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئادەت مەزگىلىدە بىر كۈنلۈك ئارامدىن بەھرىمان بولالايدۇ، بۇ بىر كۈن ئاممىۋىي ئارام بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ، بىراق يىغىپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، ئورۇنلارمۇ ئىقتىسادىي تولۇقلىما چارىسىنى دەسسىتىشكە بولمايدۇ. ئادەت مەزگىلىدە، ئورۇنلار ئايال ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى ئېگىزدىكى، تېمپىراتۇرىسى تۆۋەن، سوغوق سۇ بىلەن ئۇچرىشىدىغان، دالادىكى ۋە دۆلەت بەلگىلىگەن ئۈچۈنچى دەرىجىلىك جىسمانىي ئەمگەك قىيىنلىقىدىكى ئەمگەكلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇشقا بولمايدۇ، ۋاقتىنچە باشقا خىزمەتلەرنى قىلىشقا تەڭشەيدۇ، ياكى بىركۈندىن ئىككى كۈنگىچە ئاممىۋىي ئارامغا قويۇپ بېرىلىدۇ. باشقا ئىش تۈرىدىكى ئايال ئىشچى-خىزمەتچىلەر، ئادەت كۆپ ياكى ئادىتى ئاغرىپ كېلىش سەۋەبلىك خىزمەتنى داۋاملاشتۇرالمىغاندا، داۋالاش ئورۇنلىرىنىڭ ئىسپاتى ئارقىلىق، بىر كۈن ئاممىۋىي ئارامغا قويۇپ بېرىلىدۇ.

  بىر ياشقا توشمىغان بالىسىنى ئىمىتىدىغان ئايال ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە قارىتا، ئورۇنلار ئەمگەك ۋاقتىنى ئۇزارتىشقا ياكى كېچىلىك ئىسمىنا ئەمگىكىگە ئورۇنلاشتۇرۇشقا بولمايدۇ. ئورۇنلار ھەركۈنىدىكى ئەمگەك ۋاقتى ئىچىدە ئىمىدىش ۋاقتىدىكى ئايال ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە بىر سائەتلىك ئىمىتىش ۋاقتى ئورۇنلاشتۇرۇپ بېرىش كېرەك، ھەر كۈنى بىر سائەتلىك ئىمىتىش ئارام ۋاقتىنى ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن بىرلەشتۈرۈپ ئىشلىتىشكىمۇ بولىدۇ. مەسىلەن ھەر ھەپتىدە بىر كۈن ئارام ئېلىشقىمۇ ياكى ھەر ئايدا ئۈچتىن تۆت كۈنگىچە ئارام ئېلىشقىمۇ بولىدۇ. ئورۇنلار يەنە 45 ياشتىن ئاشقان كېلېماكتىرىيە دەۋرىدىكى ئايال ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ساقلىق-ساقلاش خىزمىتىنىمۇ ياخشى ئىشلەش لازىم، شارائىتى بار ئورۇنلار ھەر ئىسمىنادىكى ئەمگەك ۋاقتىدا ئىككى قېتىم ئىش ئارىلىقىدىكى ساغلاملىق گېمناستىكىسى ۋاقتى بەرسە بولىدۇ، ھەر قېتىمدا 30 مىنۇت، يىغىپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ئورۇنلار يەنە ھەر ئىككى يىلدا ياكى ھەر يىلى بىر قېتىم ئايال ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە قارىتا ئاياللار كېسەللىكى (بالياتقۇ بوينى راكى ۋە سۈت بېزى راكىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشى ئېلىپ بېرىشى كېرەك.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ توختام ئۈلگە نۇسخىسى ئەڭ يېڭى چىقىرىلغان مۇناسىۋەتلىك قانۇن-نىزام سىياسەتلەرگە ئاساسلانغان بولۇپ، ئەسلىدىكى ئايال ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش مەخسۇس تۈر كوللېكتىپ توختامى ئاساسىدا تۈزۈلۈپ ئۆزگەرتىلىپ، ھەرقايسى كارخانا-كەسپىي ئورۇنلارنىڭ پايدىلىنىپ ئىشلىتىشىگە بېرىلگەن. ھەرقايسى ئورۇنلارمۇ ئۆز ئەھۋالىغا ئاساسەن، ئايال ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغدايدىغان تېخىمۇ كۆپ ئۆزگىچە مەخسۇس تۈر كوللېكتىپ توختامى تۈزسە بولىدىكەن.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر