باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ بويىچە تۇنجى ياشلار ئاممىۋى پاراۋانلىق ئىگىلىك تىكلەش، ئىشقا ئورۇنلىشىش بازىسى قۇرۇلدى

2015.11.17 16:06         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى : ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تۇنجى شىنجاڭ ياشلار ئاممىۋى پاراۋانلىق ئىگىلىك تىكلەش، ئىشقا ئورۇنلىشىش بازىسى 15- نويابىر مالىيە - ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتىدا قۇرۇلدى، شىنجاڭ ياشلار ئىجتىمائىي تەشكىلاتى مۇلازىمەت مەركىزى تۈر بۆلۈمى بۇ بازىغا تۇنجى تۈركۈمدە 100 مىڭ يۈەن مەبلەغ كىرگۈزدى.

  ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ياشلار ئىگىلىك تىكلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، بۇلتۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى « شىنجاڭ ياشلار ئاممىۋى پاراۋانلىق ئىگىلىك تىكلەش ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بازىسى» قۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشنى تارقاتتى، مەقسەت – شىنجاڭدىكى ياشلار، بولۇپمۇ ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ئىگىلىك تىكلەش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سۇپىسى بىلەن تەمىنلەشتىن ئىبارەت. ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى ياشلار ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ خىزمەت بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ۋاڭ يۈچېڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى : شىنجاڭدىكى تۇنجى ياشلار ئاممىۋى پاراۋانلىق ئىگىلىك تىكلەش ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بازىسى شىنجاڭ مالىيە - ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتى «مۇھەببەت قەبىلىسى» جامائەت پاراۋانلىقى خەير - ساخاۋەت دۇكىنى ئاساسىدا قۇرۇلغان ھەمدە شىنجاڭدىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئېچىۋىتىلگەن. بازا قۇرۇلغاندىن كېيىن بايلىق ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشنى ھەم ئىجتىمائىي كۈچلەرنى ۋە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەشكە قاتنىشىشقا جەلىپ قىلىشنى تەلەپ قىلىپ، ئۇل ئەسلىھەلەرنى ياخشىلاپ، ياشلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم قىلىپ، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ پىراكتىكا ئورنى ۋە جەمئىيەتكە سىڭىپ كىرىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. (مەرھابا تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر