باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تېز يوللانمىنى ئېتىش، دەسسەش قاتارلىق قىلمىشلارغا ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 50مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇلۇشى مۇمكىن

2015.11.17 13:40         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى (ئالىم راخمان تەرجىمىسى) «قوش 11»دىن كېيىن، تېز يوللانما پوسۇلكىلارنىڭ سانى تېز كۆپەيدى. قالايمىقان ئايرىش، شەخسلەر ئۇچۇرى بىخەتەرلىكى قاتارلىق مەسىلىلەر يەنە بىر قېتىم قىززىق نۇقتىغا ئايلاندى. تۆنۈگۈن گوۋۇيۈەن قانۇن-تۈزۈم ئىشخانىسى «تېز يوللانما نىزامى (پىكىر ئېلىش نۇسخىسى)» (تۆۋەندە «پىكىر نۇسخىسى» دەپ قىسقارتىلىدۇ) دىن ئاشكارا پىكىر ئېلىشنى باشلىدى. «پىكىر نۇسخىسى»دا تېز يوللانما شىركەتلىرى ۋە كەسپ بىلەن شۇغۇللانغۇچى خادىملارنىڭ ئېتىش، دەسسەش ياكى يوللانمىنىڭ بىخەتەرلىكىگە زىيان سالىدىغان باشقا ئۇسۇللار بىلەن تېز يوللانمىنى بىر تەرەپ قىلغانلارغا ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 50مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇلدىغانلىقى بەلگىلەندى. بۇنىڭدىن باشقا تېز يوللانما شىركەتلىرى يەنە تېز يوللانما توشۇش تالونى ۋە ئېلېكترونلۇق سان-سېفىر باشقۇرۇش تۈزۈمىنى قۇرۇپ چىقىپ، تېز يوللانما توشۇش تالونلىرىنى ۋاقتى-ۋاقتىدا كۆيدۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، ئابونتلار ئۇچۇر بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى لازىم.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر