باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>تەنتەربىيە خەۋەرلىرى

رونالدو جۇڭگودا پۇتبول مەكتىپى قۇرماقچى

2015.11.17 13:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى (ئالىم راخمان تەرجىمىسى) برازىلىيە پۇتبول چولپىنى رونالدو بۇ يىل ئىچىدە جۇڭگودا 3پۇتبول مەكتىپى قۇرۇپ، جۇڭگو پۇتبولچىلىقى ئۈچۈن يېڭى پۇتبولچىلارنى تەربىيەلەپ بەرمەكچى ئىكەن.

  لاتېن ئامېرىكىسى ئاگېنتلىقىنىڭ 15-نويابىر شۇ يەردىكى تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىنى نەقىل كەلتۈرۈشىچە، «تاشقىي پىلانتا ئادىمى» دەپ ئاتالغان رونالدو جۇڭگودا ئارقا-ئارقىدىن 30پۇتبول مەكتىپى قۇرۇپ، يۇشۇرۇن كۈچى بار ئەر-ئايال پۇتبولچىلارنى قېزىپ چىقماقچى ئىكەن.

  رونالدو پۇتبول مەكتىپىنىڭ جۇڭگو بازىرىنىڭ مەسئۇلى پاۋل سۋوز تۇنجى تۈركۈمدىكى 3مەكتەپنىڭ بۇ يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدىغانلىقىنى، ئايرىم ھالدا بېيجىڭدا، شاڭخەيدە ۋە سىچۈەن جىنياڭدا قۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  رونالدو ۋە ئۇنىڭ ھەمكارلىق شېرىكى، برازىلىيەلىك مىلياردىر كارلوس ۋېيز 14-نويابىر جىنياڭغا يېتىپ كېلىپ، 15-نويابىر جىنياڭ ئوتتۇرا مەكتىپى تەجرىبە مەكتىپىدە ئۆتكۈزۈلگەن مەكتەپ پۇتبولى ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىگە قاتناشتى.

  ئاخباراتتا دېيىلىشىچە، بۇ تەربىيەلەش پىلانىنىڭ نىشانى جۇڭگو دۆلەتلىك ئەرلەر پۇتبول كوماندىسىنى دۇنيادىكى كۈچلۈك دۆلەتلەر قاتارىغا كىرگۈزۈش، ئاياللار پۇتبول كوماندىسىنى دۇنيا پۇتبول سەھنىسىنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە قايتا چىقىرىش ئىكەن.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر