باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تۇرالغۇ ۋە شەھەر، يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى: ئېلىمىز ئەنئەنىۋى كەنتلىرىنىڭ تېز يوقىلىش ۋەزىيىتى كونترول قىلىندى

2015.11.17 15:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۇرالغۇ ۋە شەھەر، يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقىدىكى باش ئىقتىسادچى جاۋ خۈي 16-نويابىر گۇيجۇ ئۆلكىسى چيەندۇڭنەن مياۋزۇ، دۇڭزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدا ئۆتكۈزۈلگەن 2015-يىللىق تۇنجى نۆۋەتلىك «جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى كەنتى.چيەندۇڭنەن باشلىقلار يىغىنى»دا مۇنداق دېدى: ئېلىمىز 2012-يىلدىن باشلاپ قۇتۇلدۇرۇش خاراكتېرلىك ئەنئەنىۋى كەنتلەرنى قوغداش خىزمىتىنى يولغا قويغاندىن بۇيان، ئۈچ يىل تىرىشىش نەتىجىسىدە، ئەنئەنىۋى كەنتلەرنىڭ تېز يوقىلىش ۋەزىيىتى كونترول قىلىنىپ، قوغداش، ياخشىلاش ۋە قايتا جانلاندۇرۇش باسقۇچىغا قەدەم قويدى.

  مۇخبىرنىڭ تۇرالغۇ ۋە شەھەر، يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقىدىن ئۇقۇشىچە، 2012-يىلدىن بۇيان، ئېلىمىز ئۈچ قېتىم چوڭ كۆلەملىك ئاساسىنى ئېنىقلاش تەكشۈرۈشى قىلىپ، بەلگىلىك ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت بايلىقىغا ئىگە 20 مىڭغا يېقىن كەنتنىڭ ئۇچۇرىنى ئىگىلىگەن ۋە ئۈچ يىللىق قوغداش خىزمىتىنى مۇقىملاشتۇرغان: كەنت مەدەنىي يادىكارلىقلىرىنى قوغداشتا ئاساسىي ئىشلەپچىقىرىش-تۇرمۇش شارائىتى، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش ئاساسىي بىخەتەرلىك كاپالىتى، ئاساسىي قوغداپ باشقۇرۇش مېخانىزمىغا ئىگە بولۇشى كېرەك.

  ئېلىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى كەنتلەرنى قوغداشتىكى فاڭجېنى بولسا ئىلمىي پىلانلاش، ئومۇميۈزلۈك قوغداش، تەرەققىي قىلدۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىغا ئېتىبار بېرىش، مۇقىم ئىلگىرىلەش، نۇقتىلىق باشقۇرۇش. جۇڭگو ئەنئەنىۋى كەنت تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن 2555 نۇقتىلىق قوغداش قىممىتىگە ئىگە كەنتلەردە ھازىر يېتەكلەش ۋە باشقۇرۇش مېخانىزمى دەسلەپكى قەدەمدە ئورنىتىلدى ۋە مەركەز مالىيەسىنىڭ ھەر بىر كەنتتە بەرگەن 3 مىليون يۈەن قوغداپ يۆلەش پۇلىغا ئېرىشتى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر