باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بەش ئورۇن پىكىر ئېلان قىلىپ داۋالىنىش ھەققىنى نامۇۋاپىق ئۆستۈرۈشنى كونترول قىلدى

2015.11.17 15:12         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت سەھىيە-پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىقى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، دۆلەت جۇڭيى دورىلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى بىرلىشىپ يېقىندا «ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىنىڭ داۋالىنىش ھەققىنى نامۇۋاپىق ئۆستۈرۈشىنى كونترول قىلىش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكىر»نى ئېلان قىلىپ، 2017-يىلنىڭ ئاخىرىغىچە، ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىنىڭ داۋالىنىش ھەققىنى كونترول قىلىپ تەكشۈرۈش ۋە باھالاش مېخانىزمى ئورنىتىپ ۋە تەدرىجىي مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سۇغۇرتىغا قاتناشقان ئاغرىقلارنىڭ داۋالىنىش ھەققى ئىچىدىكى شەخسىي چىقىم قىلىدىغان نىسبەتنى تەدرىجىي تۆۋەنلىتىشنى تەلەپ قىلدى.

  داۋالىنىش ھەققىنى ئۆستۈرۈش نامۇۋاپىق

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ داۋالاش، ساقلىقنى ساقلاش ئىشلىرى تېز تەرەققىي قىلىش باسقۇچىغا كىرىپ، داۋالىنىش ھەققى تېز ئۆستى. ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، يېقىنقى ئۈچ يىلدىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ ساقلىقنى ساقلاش ئومۇمىي سوممىسىنىڭ ئۆسۈش نىسبىتى ئوتتۇرىچە ھېساب بىلەن %13.2گە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكى GDPنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ 1.62 ھەسسىسىگە توغرا كەلگەن.

  پىكىردە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: 2016-يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلىغىچە، جايلار ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىنىڭ داۋالىنىش ھەققىنى تەكشۈرۈش سىستېمىسىنى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندۈرۈپ، داۋالىنىش ھەققىنى نامۇۋاپىق ئۆستۈرۈش ۋەزىيىتىنى دەسلەپكى قەدەمدە توسۇش كېرەك؛ 2017-يىلنىڭ ئاخىرىغىچە، ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىنىڭ داۋالىنىش ھەققىنى كونترول قىلىپ تەكشۈرۈش ۋە باھالاش مېخانىزمى ئورنىتىپ ۋە تەدرىجىي مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سۇغۇرتىغا قاتناشقان ئاغرىقلارنىڭ داۋالىنىش ھەققى ئىچىدىكى شەخسىي چىقىم قىلىدىغان نىسبەتنى تەدرىجىي تۆۋەنلىتىش كېرەك. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر