خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ8-يانۋار، بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7-يانۋار، فرانسىيە ستراسبۇرگدا، كىشىلەر ستراسبۇرگ شەھىرىنىڭ مەركەز مەيدانىدا يىغىلىپ،« شارلى ھەپتىلىك ژۇرنال»غا قىلىنغان تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى. فرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژغا جايلاشقان « شارلى ھەپتىلىك ژۇرنال»ىنىڭ باش شتابى 7-يانۋار 3 قوراللىق تېررورچىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان. فرانسىيە تەپتىش ئەمەلدارى مولىنس شۇ كۈنى كەچتە، بۇ قېتىمقى تېررورلۇق ھۇجۇمىدا 12ئادەم قازا قىلىپ 11ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئىسپاتلىدى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لۇ سۇيەن فوتوسى
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى