باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

فرانسىيەدىكى بىر ژورنال تەھرىراتى ھۇجۇمغا ئۇچراپ 12 ئادەم قازا قىلدى

2015.01.08 14:29   مەنبە: خەلق تورى

فرانسىيەدىكى بىر ژورنال تەھرىراتى ھۇجۇمغا ئۇچراپ 12 ئادەم قازا قىلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: فرانسىيەدىكى مەسخىرىۋاز ژۇرنال «چارلى ھەپتىلىكى» باش شتابى 8-يانۋار ئاپتومات ۋە راكېتا ئاتقۇچ بىلەن قوراللانغان قوراللىقلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، ئاز دېگەندە 12 ئادەم ئۆلۈپ، 10 ئادەم يارىلاندى. زۇڭتۇڭ ھوللاند بۇ دېلونى تېررورلۇق ھۇجۇمى دەپ بېكىتتى، پارىژمۇ تېررورىزمدىن ساقلىنىشتىكى ئەڭ يۇقىرى قوغدىنىش ھالىتىگە كىردى. ساقچىلار نۆۋەتتە گۇماندارلار يوشۇرۇندى دەپ گۇمانلانغان فرانسىيەنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى رېمىس شەھىرىدە قوغلاپ تۇتۇشنى باشلىدى. ئۈچ يىل بۇرۇن ژۇرنال تەھرىراتى كۆيدۈرگۈچ بومبىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان


  تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىچە، ھۇجۇمغا ئۇچرىغان چاغدا، ژۇرنال باش شىتابىدا مۇھەررىرلىك يىغىنى ئېچىلىۋاتقان بولۇپ، ھۇجۇم قىلغانلار قەستەن مۇشۇ ۋاقىتنى تاللاپ قول سالغان بولۇشى مۇمكىن. فرانسىيە تېلېۋىزىيەسى ساقچىلارنىڭ خەۋىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، كۆرگۈچىلەر قوراللىقلارنىڭ «پەيغەمبىرىمىز ئۈچۈن ئۆچ ئالدۇق» دەپ توۋلاشقانلىقىنى ئاڭلىدى، دېدى.

  تاراتقۇلار بۇنى فرانسىيە تۇپرىقىدا 40 يىلدىن بۇيانقى ئۆلۈم-يىتىم ئەڭ كۆپ بولغان تېررورلۇق ھۇجۇمى دېدى. نۆۋەتتە ھېچقانداق تەشكىلات دېلوغا چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمىدى.

  «چارلى ھەپتىلىكى» ئېقىم خەۋەرلىرى ۋە شەخسلەرنى مەسخىرە قىلىش بىلەن داڭلىق. ئىلگىرى كارتون رەسىم ئارقىلىق مۇسۇلمانلارنىڭ رەھبىرى ۋە مۇھەممەد پەيغەمبەرنى مەسخىرە قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۈچ يىل بۇرۇن كۆيدۈرگۈچ بومبىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان. بۇ ژۇرنال يېقىندا  تۋىتتېر بىلوگىدا بىر پارچە ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ رەھبەرلىرىنى مەسخىرە قىلغان كارتون رەسىمىنى ئېلان قىلغان.

  بۇ ژۇرنال 2006-يىلى 2-ئايدا دانىيەدىكى بىر گېزىتقا 2005-يىلى بېسىلغان، مۇھەممەد پەيغەمبەرگە بىھۆرمەتلىك قىلدى، دەپ ئەيىبلەنگەن كارتون رەسىمنى باسقان، 2012-يىلى 9-ئايدا بۇ ژۇرنال يەنە پەيغەمبەرنىڭ يالىڭاچ سۈرىتى دەۋالغان كارتون رەسىمنى باسقان، بۇ ۋاقىت دەل ئىسلام دۇنياسىدا ئامېرىكىنىڭ «مۇسۇلمانلارنىڭ نادانلىقى» ناملىق فىلىمىگە ئېتىراز بىلدۈرۈش پائالىيىتى قايناپ كەتكەن ۋاقىت بولۇپ، چاتاق چىقىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئەينى چاغدا فرانسىيە ھۆكۈمىتى 20 ئىسلام دۆلىتىدە تۇرۇشلۇق مەكتەپ، ئەلچىخانا ۋە مەدەنىيەت مەركەزلىرىنى تاقىۋەتكەن ئىدى.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·2015-يىلىدىن باشلاپ، شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باھالاش ئۆلچىمىنى ئۆزگەرتىدۇ، جەريان خاراكتېرلىك ب…
      ·شىنجاڭ: ئەڭ ياخشى مائارىپ بايلىقىنى ئەڭ چەت رايونلارغا يەتكۈزىمىز
      ·«تولۇق 3-يىللىقتا پەقەت ئەدەبىيات، ماتېماتىكا، خەنزۇ تىلىنىلا ئۆگىنىشكە بولمايدۇ»
      ·دۆلەت ھۆكۈمەتنىڭ ئەۋەتىشى بىلەن چەت ئەلدە ئوقۇشقا بۇ يىل 23 مىڭ كىشى قوبۇل قىلدى
      ·جۇڭگو-قازاقىستان مەركىزىي بانكىلىرى ئۆز پۇللىرىنى ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى ئىمزالىدى
      ·مەرھابا ئاسپىرانت قىزلار، تىرىشچانلىقىڭلارغا ئاپىرىن
      ·تۈركىيە ۋە ئىتالىيە زۇڭلىسى بىرلەشمە مۇخبىرلار يىغىنى ئۆتكۈزدى(1)
      ·تۈركىيەدە بىر ئايال ساقچىلار ئالدىدا ئۇسسۇل ئويناپ ئېتىراز بىلدۈردى(1)
      ·3-نۆۋەتلىك ئۆزتۈرك مۇكاپاتى12-دىكابىر تارقىتىلىدۇ
      ·ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئىسلاھاتى لايىھەسىدىكى مۇستەقىل ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش سىياسىتى ئېلان قىلىنىش …