باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئىسلاھاتى لايىھەسىدىكى مۇستەقىل ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش سىياسىتى ئېلان قىلىنىش ئالدىدا

2014.12.10 15:40         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دېكابىر ئايلىرى ئەسلىدە بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش ئىشخانىلىرى ئالدىراشلىق بىلەن ھەرخىل مۇستەقىل ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش لايىھەلىرىنى ئېلان قىلىدىغان، تىزىملايدىغان، ئىمتىھان ۋاقتىنى ئورۇنلاشتۇرىدىغان ۋاقتى ئىدى. بىراق بۇيىل جىمجىت ئۆتمەكتە. ئىگىلىنىشىچە، يېقىندا تۈزۈلگەن ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئىسلاھاتى لايىھەسى مۇستەقىل ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش سىياسىتىگە قارىتا زور ئۆزگەرتىش ئېلىپ بارغان، بىراق مائارىپ مىنىستىرلىكىنىڭ مۇناسىۋەتلىك كۆرسەتمىلىك ھۆججىتى چىقمىغان، ھەرقايسى مەكتەپلەرنىڭ لايىھەلىرىمۇ ۋاقتىنچە چىقىشقا ئامالسىز قالغان. تۈنۈگۈن مەلۇم ئالىي مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش ئىشخانىسىدىكى خىزمەتچى خادىمنىڭ ئاشكارىلىشىچە، مائارىپ مىنىستىرلىكىنىڭ ھۆججىتى يېڭى يىلدا چىقىشى مۇمكىن ئىكەن، ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مۇستەقىل ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش لايىھەسىمۇ كېلەر يىلى چاغاننىڭ ئالدى-كەينىدە ئېلان قىلىنىدىكەن.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر