باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى كېلەر يىلى يانۋاردىن باشلاپ ھەر ھەپتىدە سىياسەتتىن خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئاچىدۇ

سىياسەت ئۇچۇرلىرى تېخىمۇ ئاشكارا، ئېنىق بولىدۇ

2014.12.18 16:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 16-دېكابىر ئۆتكۈزگەن يېڭى يىللىق كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى سەي مىڭجاۋ مۇنداق دېدى: گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى كېلەر يىلى يانۋاردىن باشلاپ مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەر بويىچە دائىملىق سىياسەتتىن خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئاچىدۇ، ھەر ھەپتىدە قەرەللىك يىغىن ئىچىپ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن تەتقىق قىلىپ قارار قىلغان مۇھىم قارار ئورۇنلاشتۇرمىلار ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەتكە مۇناسىۋەتلىك سىياسەتلەر نۇقتىلىق تونۇشتۇرۇلىدۇ.

  ساھە ئىچىدىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ تەدبىر جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئۇچۇرىنىڭ ئاشكارا، ئېنىق بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن، تەدرىجىي ھالدا دائىمىي يېڭى ھالەت مېخانىزمىغا ئايلىنىدىكەن.

  مۇھىم سىياسەت ئورۇنلاشتۇرمىلارنى قەرەللىك ئېلان قىلغاندىن باشقا، گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 16- دېكابىر يەنە ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىگە ئالاقىدار 13 تارماق، گوۋۇيۈەنگە ئالاقىدار 74 تارماق، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي تەپتىش مەھكىمىسى ۋە ھەر قايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۇنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاخبارات باياناتچىلىرىنىڭ ئىسىملىكىنى ئېلان قىلدى. بۇلتۇر تىزىملىككە كىرگۈزۈلمىگەن جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى، تۇرالغۇ ۋە شەھەر، يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى بۇ قېتىم ئىسىملىككە كىرگۈزۈلدى.

  جۇڭ كەيبىن مۇنداق دېدى: كېيىنكى قەدەمدە مەركەزدىن تارتىپ ئۆلكە، شەھەر، ناھىيەگىچە تەدرىجىي قاپلىنىش خىزمىتىنى ئىشلەيمىز. ئۇ ۋاقىتتا قايسى دەرىجە، قايسى تەرەپتىكى ئىشلارغا چېتىلىشىدىن قەتئىينەزەر پۇقرالار ھۆكۈمەتنىڭ ئۇچۇرنى ئاشكارىلاش يولىدىن ئۇچۇرلارنى توپلىيالايدۇ. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر