باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئابباس: پەلەستىن، خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە قارار لاھىيىسى تاپشۇرۇشنى قايتىدىن ئىلگىرى سۈرىدۇ، دېدى

2015.01.06 16:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: پەلەستىن زۇڭتۇڭى ئابباس 4-يانۋار ئىئوردانىيە دەرياسىنىڭ غەربى قىرغىقىدىكى راماللا شەھىرىدە بايانات ئېلان قىلىپ، پەلەستىن قايتىدىن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغالىيىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇشىغا مۇددەت بەلگىلەش تەلىپى توغرىسىدىكى قارار لاھىيىسىنى تاپشۇرىدۇ.

  ئابباس شۇ كۈنى بىر ئاشكارە پائالىيەتتە، ئۇ ئاللىقاچان قايتىدىن قارار لاھىيىسىنى تاپشۇرۇش ئىشىدا ئىئوردانىيە قاتارلىق ئەرەب دۆلەتلىرى بىلەن مەخپىي كېڭەشكەن. ھەم بۇ ھەپتە خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە قارار لاھىيىسىنى تاپشۇرۇش مۇمكىنچىلىكى بارلىقىنى دېگەن. ئابباس، بىز ئۈزلۈكسىز بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارار لاھىيىسىنى ماقۇللىشىنى ،بىزنىڭ ھوقۇقىمىزنى پۈتۈن دۇنيا ئېتراپ قىلغۇچە ئىزدىنىمىز، دېدى.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر