باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىراق خەلقى يېڭى يىلدا ‹‹شام ئىسلام دۆلىتى›› نى يوقىتىپ، خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرۈشنى تىلىدى

2015.01.08 15:59         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رادىكال تەشكىلات ‹‹شام ئىسلام دۆلىتى›› 2014 – يىلى شەھەر، يېزىلارنى ئېلىپ، ئىراقتا ئىنسانپەرۋەرلىككە يات ئېغىر كىرىزىس پەيدا قىلدى. بۇ دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىك ۋەزىيىتىدە داۋالغۇش پەيدا قىلدى. يېڭى يىلدا ‹‹شام ئىسلام دۆلىتى››نىڭ زەھىرىنى تازىلاپ، تىنچ ھەم مۇقىم تۇرمۇش كەچۈرۈش ئىراق خەلقىنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇسى بولۇپ قالدى.

  باغداد شەھىرىنىڭ ئەتراپىدىكى پاناھلىنىش ئورنى قىلىنغان بىر مەكتەپتە 26 ياشقا كىرگەن ئەلى بىزگە: كەلگۈسىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلمەيمەن، لېكىن، بىز موسۇلغا قايتىشنى بەك ئارزۇ قىلىمىز، دېدى.

  ‹‹شام ئىسلام دۆلىتى›› ئىگىلىۋالغان يۇرتى موسۇلدىن قېچىپ چىقىش ئەلىنىڭ كۆڭلىدىكى بىر ئازاب بولۇپ قالدى. ئۇ كۆزىگە لىق ياش ئېلىپ مۇنداق دېدى: بىز نەرسە – كېرەكلىرىمىزنى يىغىشتۇرۇشقا ئۈلگۈرمەي، ئۇچىمىزدىكى كىيىم ۋە ئازغىنە پۇلنى ئېلىپلا قاچتۇق. تاغام بىلەن نەۋرە ئاكام ئۇلار بىلەن ئاخىرىغىچە ئېلىشىمىز، دەپ قالغان. مەن باغدادقا كېلىپ ئۇزاق ئۆتمەي، ئۇلارنىڭ قازا قىلغانلىقىدىن خەۋەر تاپتىم.

  ئەلى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئىراق ئارمىيەسىنىڭ ‹‹شام ئىسلام دۆلىتى›› ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، ئائىلىسىدىكىلىرى بىلەن بىللە كېچە – كۈندۈز ئارزۇ قىلىۋاتقان يۇرتىغا قايتىپ، بۇرۇنقى كىچىك دۇكىنىنى قايتا ئېچىشنى ئۈمىد قىلدى.

  بۇ يىل 48 ياشقا كىرگەن باغدادلىق سالاھ ساخاۋەتچى سودىگەر بولۇپ، بۇ مەكتەپتە تۇرۇۋاتقان مۇساپىرلارغا ھەقسىز ياردەم بېرىپلا قالماستىن، يەنە دائىم يۈك ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ باغدادتىن باشقا شەھەر – بازارلارغا بېرىپ، ھەر قايسى جايلارغا تارقاقلىشىپ كەتكەن مۇساپىرلارغا ماددىي ئەشيا ياردەم بېرىۋېتىپتۇ.

  ئۇ مۇنداق دېدى: ‹‹شام ئىسلام دۆلىتى›› كونترول قىلىۋالغان رايونلارنىڭ ئەھۋالى تېخىمۇ ناچار، موسۇل، فەلۇجە ۋە رەمادى قاتارلىق شەھەرلەردە سۇ، توك دائىم توختاپ قالىدۇ، تۇرمۇشقا كېرەكلىك نەرسىلەر كەمچىل بولۇۋاتىدۇ، خەلقنىڭ تۇرمۇشى تېخىمۇ جاپالىق بولۇۋاتىدۇ.

  ئۇ ھۆكۈمەت ئارمىيەسىنىڭ ‹‹شام ئىسلام دۆلىتى››نى تۆت ئاي ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ قىسقا ۋاقىتتا يوقىتىشىنى ئۈمىد قىلدى. چۈنكى، ئىراق مۇساپىرلىرى نەچچە يۈز، نەچچە مىڭ بولماستىن، بەلكى نەچچە مىليونغا يەتتى. بۇ، جەمئىيەتكە ئېغىر يۈك بولدى.

  بۇ يىل 45 ياشقا كىرگەن ئابىد پايتەخت باغدادنى قوغداشقا مەسئۇل خەۋپسىزلىك قىسىمىنىڭ ئەزاسى. ئۇ ھازىرقى ۋەزىيەت توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: مەن باغداد شەھەر رايونىنى قوغداشقا مەسئۇل كونا ئەسكەر بولساممۇ، خەلق ئېھتىياجلىق بولسا، ھەر ۋاقىت ئالدىنقى سەپكە بېرىپ، ئىراقنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىۋاتقان، ئىراق خەلقىنى ئېچىنىشلىق تەقدىرگە قويغان تېررورچىلار بىلەن ئاخىرغىچە جەڭ قىلىشنى خالايمەن.

  ئىراق ھۆكۈمىتى 1 – يانۋار دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: بۇلتۇر ئىراقتا 15 مىڭدىن ئارتۇق كىشى تېررورلۇق ھۇجۇمى ۋە زوراۋانلىق توقۇنۇشى تۈپەيلى جېنىدىن ئايرىلغان، بۇ سان يەتتە يىلدىن بۇيانقى ئەڭ كۆپ سان بولۇپ، 2013 – يىلىدىكىدىن كۆپ ئېشىپ كەتكەن. بۇنىڭغا خالىغانچە قىرغىنچىلىق قىلغان ‹‹شام ئىسلام دۆلىتى›› ئاساسلىق سەۋەبچى بولغان. شىنخۇا ئاگېنتلىقى

  

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر