باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

چەت ئەللەرنىڭ دەسسىلىش تىراگېدىيەسىدىن ساقلىنىش تەدبىرلىرى

2015.01.08 16:02         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كىشىلەر توپلاشقان جايدا قىستىلىش، دەسسىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىش خەۋپى ھەر ۋاقىت مەۋجۇت، ھېيت – بايرام ۋە دەم ئېلىش كۈنلىرى بۇنداق ۋەقەنىڭ يۈز بېرىش نىسبىتى ئادەتتىكى كۈنلەرگە قارىغاندا يۇقىرى بولىدۇ. چەت ئەللەردە دەسسىلىش ۋەقەلىرى كۆپ يۈز بەرگەن. بەزى دۆلەتلەر تەدبىر قوللىنىپ، بۇنداق تىراگېدىيەنىڭ ئىمكانقەدەر ئالدىنى ئالغان.

  توپلىشىۋالغان كىشىلەرنى رەتلىك تارقاقلاشتۇرۇش دەسسىلىش ۋەقەسىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى مۇھىم تەدبىر ھېسابلىنىدۇ. تەبرىكلەش پائالىيىتى ۋە چوڭ مۇسابىقىلەرنى كۆپ ئۆتكۈزىدىغان بەزى دۆلەتلەر كىشىلەرنى تارقاقلاشتۇرۇش، دەسسىلىش ۋەقەسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەھەتتە بەزى ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللانغان.

  2013 – يىلى ئەنگلىيەنىڭ لوندون شەھىرىدە 250 مىڭ كىشى تايمىس دەرياسى بويىغا بېرىپ، يېڭى يىل مۇناسىۋىتى بىلەن قويۇپ بېرىلگەن ساليوتنى كۆرگەن. پارلامېنت مەيدانى قاتارلىق كىشىلەر زىچ توپلاشقان رايونلارغا ئادەم سانىنى ئىستاتىستىكا قىلىشقا مەخسۇس ئادەم قويۇلغان، ئۇلار شۇ رايون ئادەم بىلەن بەلگىلەنگەن ساندا توشقاندا، ئىشىكلەرنى تاقىغان.

  ئامېرىكىنىڭ نيۇيورك شەھىرىدىكى ‹‹دۇنيا تۆت كوچا ئېغىزى››، دەپ نام ئالغان ‹‹نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى›› مەيدانىدا، ھەر يىلى خىرۇستال توپنىڭ ئاستا – ئاستا تۆۋەنلىشىگە ئەگىشىپ، يېڭى يىلنىڭ يېتىپ كېلىشىنى كۈتۈۋېلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدۇ، بۇ پائالىيەت مىليونلىغان كىشى قاتنىشىدىغان چوڭ پائالىيەت. بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، نيۇيورك ساقچىلىرى ‹‹نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى›› مەيدانىنى توساق بىلەن نەچچە رايونغا ئايرىيدۇ، كىشىلەر بىر رايونغا كىرگەندىن كېيىن، خالىغانچە چىقىپ كېتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ. بىر رايون كىشىلەر بىلەن توشقاندىن كېيىن، ساقچىلار ئاندىن يەنە بىر رايوننى ئېچىۋېتىپ، تاكى ھەممە رايون توشقانغا قەدەر مۇشۇ تەرتىپنى ساقلايدۇ.

  ئادەتتە ئاممىغا تەشۋىقات – تەربىيە ئېلىپ بېرىش، پائالىيەتنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن قاراتمىلىققا ئىگە ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى ئالدىن قوللىنىش دەسسىلىش، قالايمىقانچىلىق كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك تەدبىردۇر.

  2013 – يىلى ئاۋسترالىيەنىڭ سېدنىي شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن يېڭى يىلنى كۈتۈۋېلىش مۇناسىۋىتى بىلەن ساليوت قويۇپ بېرىلگەندە، نەق مەيداندىكى تاماشىبىنلارنىڭ سانى 1 مىليون 500 مىڭ كىشىگە يەتكەن. بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ساقچىلار ئىككى ھەپتە ئىلگىرى تاراتقۇلار ئارقىلىق، كىشىلەرگە بىخەتەرلىككە ئائىت ساۋاتلارنى تەشۋىق قىلغان ھەم ۋاقتى كەلگەندە ھاراق ئىچىش رايونىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىدىغانلىقىنى، قوللىنىدىغان تەدبىرلىرىنى ئۇقتۇرغان. نەتىجىدە كىشىلەر ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ، چېكىدىن ئاشىدىغان ئىشلارنى قىلماي، تەرتىپكە بويسۇنغان.

  ج خ مىنىستىرلىقىمىز 2013 – يىلى دۆلەت بايرىمىنىڭ ئالدىدا مۇنداق دەپ ئەسكەرتكەن: قىستا – قىستاڭچىلىقتا كېتىۋاتقاندا، تەڭپۇڭلۇقنى ساقلايلى؛ يەرگە چۈشۈپ كەتكەن پورتمال، يان تېلېفون قاتارلىق نەرسىلىرىمىزدىن ۋاز كېچەيلى؛ باشقىلار ئايىغىمىزنى دەسسىۋالسا، ئېڭىشىپ ئاياغ كىيىمەن، دەپ تۇرمايلى، بولمىسا يەرگە يىقىلىپ، دەسسىلىپ كېتىسىز. قىستا – قىستاڭچىلىقتا قالغان بولسىڭىز كۆپچىلىك بىلەن بىر يۆنىلىشتە ماڭغىنىڭىز تۈزۈك، باشقىلارنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كېتىمەن، دەپ قىستىماڭ، ھەرگىز كەينىڭىزگە قايرىلىپ ماڭماڭ. ھەر ۋاقىت سەگەك بولۇپ، ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنى قوغداش ئويىدا بولۇڭ، ناۋادا ئالدىڭىزدىكى كىشى تۇيۇقسىز يىقىلىپ چۈشسە، دەرھال توختاپ قۇتقۇزۇشقا ئادەم چاقىرىڭ ھەم كەينىدىكىلەرنى توختىتىڭ. قىستاڭچىلىقتىن قالايمىقانچىلىق كۆرۈلسە، ئاۋۋال ئىككى قولىڭىز بىلەن مەيدىڭىزنى قوغداڭ؛ قىستاڭچىلىقتا يىقىلىپ چۈشسىڭىز، ئارقا مېڭە بىلەن بېقىنىڭىزنى ياخشى قوغداڭ.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر