باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ يىغىنى ئېچىلدى

2014.12.31 17:36         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يىغىندا پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرۇلدى ھەم «سوتسىيالىستىك كېڭىشىش ئاساسىدىكى دېموكراتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»، «پارتىيەنىڭ ئاممىۋى-ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى پىكىر» گە قاراپ چىقىلدى

  باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 29-دېكابىر تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى يىغىن ئېچىپ، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 2014- يىللىق خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاپ ئۆتتى، 2015- يىللىق پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى مۇھاكىمە قىلدى ۋە ئورۇنلاشتۇردى؛ «سوتسىيالىستىك كېڭىشىش ئاساسىدىكى دېمۇكىراتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»، «پارتىيەنىڭ ئاممىۋى-ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى پىكىر» گە قاراپ چىقتى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى 2014- يىلى پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىلىككە قارشى تۇرۇش كۆرىشىنىڭ كەسكىن، مۇرەككەپلىكى توغرىسىدىكى تەھلىل ۋە ھۆكۈمگە ئاساسەن، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرىگە مەسئۇل بولۇش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، پارتىيە ئۆزىنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «كېسەلگە كۈچلۈك دورا بېرىش»، كەسكىن بولۇش ئىرادىسى بويىچە، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۆرىشىنى بايرىقى روشەن ئىلگىرى سۈرۈپ، «تۆت خاھىش» نى تۈزەشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ، چىرىكلەشكەنلەرنى قەتئىي جازالاپ، يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، پارتىيە ۋە ئاممىنى رازى قىلدى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش پارتىيەنى، دۆلەتنى گۈللەندۈرۈش تەدبىرى بولۇپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ قوللىشى ۋە ھېمايىسىگە ئېرىشتى. مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ۋە ھەر دەرىجىلىكى ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرى تەپتىش ئورگانلىرى مەركەزنىڭ تەلەپلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، قەتئىي پوزىتسىيە تۇتۇپ، كۈچلۈك ھەرىكەت قوللىنىپ، دېققىتىنى مەركىزىي ۋەزىپىگە قويۇپ، ئىنتىزام جاۋاپكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ ۋە نازارەت قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىدىكى سوبيېكىتلىق مەسئۇلىيەت ۋە نازارەتچىلىك مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈردى. پارتىيە ئىنتىزامى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە تەشكىلىي ئىنتىزامغا خىلاپ قىلمىشلارنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى؛ ئىستىلنى قەتئىي بوشاشماي چىڭ تۇتۇپ، كونكىرېت مەسىلىلەردىن باشلاپ تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەقىقىي، ئەمەلىي، توغرا تۇتتى؛ ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش دېلولىرىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، چىرىكلىك ھادىسىسىنىڭ يامراپ كېتىش ۋەزىيىتىنى قەتئىي تىزگىنلىدى. ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئورگانلىرى خىزمەتلەرنى ئىجادىي قانات يايدۇرۇپ، ئۆز- ئۆزىنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، قوشۇن قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مەركەز تاپشۇرغان تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ناھايىتى ياخشى ئورۇنلىدى.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر