خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تەڭرىتاغ كىنو ستۇدىيەسى سۆرەتكە ئېلىپ ئىشلىگەن، داڭلىق رېژىسسور ئارسلان ئابدۇكېرىم سىنارىيەسىنى يېزىپ رېژىسسورلۇق قىلغان، داڭلىق كۈلدۈرگە ئارتېسىمىز ئابدۇكېرىم ئابلىز، مەمەتجان روزى سايىت، دىلشات بارات قاتارلىقلار باش رول ئالغان، ئىككى يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئىشلەنگەن كومىدىيەلىك فىلىم «پۇل دېگەن شۇنداق نەرسە» بۈگۈن كەچ (7-يانۋار) بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 18دىن 28 مىنۇت ئۆتكەندە، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ كىنو قانىلىدا قويۇلىدۇ.
سىنارىست، رېژىسسور ئارسلان ئابدۇكېرىمنىڭ مىكرو بىلوگىدا ئاشكارىلىشىچە، شىنجاڭدا ئىشلەنگەن كومىدىيەلىك فىلىم «پۇل دېگەن شۇنداق نەرسە»نىڭ ئۇيغۇرتىلى نۇسخىسى 2014-يىلى 15-سېنتەبىردىن باشلاپ، ئۈرۈمچىدە قويۇلغىلى 4 ئاي بولغان بولۇپ، ھازىرغىچە ھەر كۈنى داۋاملىق قويۇلىۋېتىپتۇ، 2014-يىلى 28-نويابىردىن باشلاپ قەشقەر شەھىرىدە قويۇلۇشقا باشلىغان بولۇپ، ئىككى ئايدىن بۇيان ھەر كۈنى داۋاملىق قويۇلىۋېتىپتۇ، ھەمدە بۇ يىل يانۋارنىڭ ئاخىرىدىن مارتنىڭ ئاخىرىغىچە شىنجاڭ بويىچە ھەرقايسى جايلاردا ئومۇميۈزلۈك قويۇلىدىكەن.
مەنبە: خەلق تورى