باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ۋەزىپە سانىدىن ئاشۇرۇپ كادىر سەپلەش پەسكويغا چۈشتى

2015.01.06 17:20         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:  مۇئاۋىن ھاكىم دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ۋەزىپە سانى بويىچە 15 مىڭ 800 كىشى ھەزىم قىلىندىج ك پ مەركىزىي كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمى، مەركىزىي ئاپپارات شىتاتى كومىتېتى ئىشخانىسى ۋە دۆلەت مەمۇرلار ئىدارىسى بىرلىكتە «كادىرلارنى ۋەزىپە سانىدىن ئارتۇق سەپلەشنى مەنئىي قىلىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» نى 2014-يىلى 1-ئايدا تارقاتقانىدى. بىر يىلدىن بۇيان، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم (پارتگۇرۇپپا) ۋە ئۇنىڭ تەشكىلات-كادىرلار تارماقلىرى تۈزەش خىزمىتىنى ئەستايىدىل قانات يايدۇرۇپ، كادىرلارنى ۋەزىپە سانىدىن ئاشۇرۇپ سەپلەش، كادىرلارنى ئاپپارات ئاتلاپ ئۆستۈرۈش، ئاپپاراتلارنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ھوقۇق دائىرىسىدىن ھالقىپ تەسىس قىلىش، كادىرلارنىڭ ۋەزىپە دەرىجىسى ۋە تەمىناتىنى كەلسە-كەلمەس ئۆستۈرۈش، ۋەزىپە نامىنى كەلسە-كەلمەس تەسىس قىلىش ھادىسىسىنى ئاساسەن تىزگىنلىدى، جايلار ۋە تارماقلارنىڭ ۋەزىپە سانى بويىچە كادىر سەپلەشتىكى قائىدە-تۈزۈمى ئېڭى كۆرىنەرلىك ئاشتى. ھازىرغا قەدەر، مەملىكەت بويىچە ۋەزىپە سانىدىن ئاشۇرۇپ سەپلەنگەن 40 مىڭ مۇئاۋىن ھاكىم دەرىجىلىك كادىرلار ئىچىدە 15 مىڭ 800 نەچچىىسى ھەزىم قىلىنىپ، ۋەزىپىنىڭ %40 ى تاماملاندى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر