باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىسلاھات قانۇن ئىدارە قىلىش تەپەككۇرىدىن ئايرىلالمايدۇ

─ يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ئىلگىرىلەش توغرىسىدا (3)

2015.01.06 17:09         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:  گېزىتىمىز ئوبزورچىسىئىسلاھ قىلىش ۋە قانۇن ئىدارە قىلىش – ھازىرقى جۇڭگودىكى دەۋر چوڭ ئېقىمىدا تەرەققىياتنىڭ پەرۋاز قىلىۋاتقان ئىككى قانىتى، توختىماي ئايلىنىۋاتقان ئىككى چاقى. ئەمدىلا ئۆتۈپ كەتكەن 2014-يىلىدا، ئىسلاھاتتىن ئىبارەت ئۇلۇغ ئىش دەل قانۇن ئىدارە قىلىش تەپەككۇرىنىڭ بىر تۇتاش يېتەكچىلىكىدە تەدرىجىي ئىلگىرى سۈرۈلىۋاتىدۇ. «يولۋاس»، «چىۋىنلار» نى قانۇن-نىزام، قائىدە-تۈزۈم بويىچە قاتتىق جازالاشتىن تارتىپ نوپوس تۈزۈمى ئىسلاھاتى، يەر تۈزۈمى ئىسلاھاتى، مائارىپ ساھەسىدىكى ئىسلاھات قاتارلىق چوڭ-چوڭ ئىسلاھاتلارغىچە، ھەممە ئىش تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈلىۋاتىدۇ؛ گوۋۇيۈەننىڭ مەمۇرىي تەستىق تۈرىدىن 700 نەچچىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان ۋە تۆۋەنگە چۈشۈرگەندىن تارتىپ، شاڭخەي ئەركىن سودا رايونىنىڭ 27 خىل تۈزۈمىدە يېڭىلىق يارىتىشقىچە، قانۇن ئىدارە قىلىش ئارقىلىق ئىسلاھاتقا يېتەكچىلىك قىلىش، قانۇن ئىدارە قىلىش رامكىسىدا ئىسلاھاتنى قېلىپلاشتۇرۇش – يېڭى نۆۋەتلىك ئىسلاھاتنىڭ تۈپ تەلىپى ۋە ئاساسىي مىزانى بولۇپ قالدى.

  ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىش كېرەك. جۇڭگونىڭ ئىسلاھات ۋاقىت جەدۋىلى 2015-يىلىغا كەلدى، مەنپەئەت توسۇقلىرىنى ئىسلاھات ئارقىلىق يېڭىشتىكى يۈك تېخىمۇ ئېغىرلاشتى، يىغىلىپ زىددىيەتلەرنى تەرەققىيات ئارقىلىق راۋانلاشتۇرۇشتىكى ۋەزىپە تېخىمۇ ئېغىرلاشتى، تىپ ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ئىقتىسادنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشىنى ياخشىلاشتىكى بۇرچنى ئادا قىلىش تېخىمۇ قېيىنلاشتى. بۇ ھەم كونا مۇھىتتا بۆسۈش ھاسىل قىلىش، ئەندىزىدە يەنە يېڭىلىق يارىتىش كېرەكلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ، ھەم يېڭى تۇراقلىق ھالەتتە قانۇنىيەت بويىچە ئىلگىرى سۈرۈش، قانۇن ئىدارە قىلىش بويىچە ئىلگىرى سۈرۈش كېرەكلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. بازار مېخانىزمىدىكى قارغۇلارچە ئىش كۆرۈش، ئىجتىمائىي ئىشلار قۇرۇلۇشىدا ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئادىللىق ۋە بارابەرلىكنىڭ رېئاللىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىشتا قانۇن ئىدارە قىلىشنىڭ كۈچىگە تايىنىشقا توغرا كېلىدۇ. ئىسلاھات قىلىش تەشەببۇسىنى قانۇن ئىدارە قىلىش تەشەببۇسىغا ئايلاندۇرۇپ، ئىسلاھاتتىكى خەۋپلەرنى قانۇن ئىدارە قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق تۈگەتكەندىلا، ئاندىن مەنپەئەتنىڭ تەڭشىلىشى پەيدا قىلغان ئىجتىمائىي داۋالغۇشنى ئازايتىش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش پەيدا  قىلغان تىپ ئۆزگەرتىشتىكى «ئاغرىق» نى پەسەيتىش مۇمكىن، شۇڭا ئىسلاھاتنىڭ تەرتىپلىك، يولدىن چىقىپ كەتمەي ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ئۆزىمىزنىڭ يولىدا مىقتا مېڭىشىمىز كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر