خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ6 -يانۋار، بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:دېڭىز ئارمىيىسى جەنۇبىي دېڭىز فلوتى سەنيا فلوتىنىڭ رولچى ئەسكىرى ئىلگىرى سىچۇەن سەنئەت ئىنستىتۇتىدا ئوقۇغان. 2008-يىلى ۋىنچۇەن يەر تەۋرەشتە ئازادلىق ئارمىيە ئۇنىڭ ئۇكىسىنى قۇتقۇزۇپ چىققاندىن كېيىن ،ئۇ ھەربىي بولۇشنى ئارزۇ قىلغان ئىدى. ئۇ پاراخوتتا بېشى قايدىغان بولۇپ ، ھەر قېتىم دىجورنىلىق قىلغاندا نەچە خالتا تەييارلىۋالاتى. دەسلەپتە نىشاننىمۇ پەرق ئېتەلمەيدىغان قىز ، ھازىر سەنيا فلوتىنىڭ كۆزگە كۆرۈنەرلىك قىز رولچىسى بولۇپ قالدى.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى