خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بىر قىسىم ھەقىقىي «يۇقىرى قاتلام» تۇرمۇشى ئۆتكۈزۈۋاتقان ئاياللارنى كۆرۈپ باقايلى. دۇنيا ئاياللار ئېگىزلىكتە مېڭىش رېكورتىنى ساقلىغۇچى، 25ياشلىق فېيس دىكىي ئىنچىكە ئېگىز پاشنىلىق ئاياقنى كىيىپ، نەچچە مىڭ فۇت ئېگىزلىكتىكى پولات سىمدا ئاۋايلاپ ماڭماقتا .بۇ كۆرۈنۈش چېختىكى ئاياللار ئېگىزلىك ئارغامچا يىغىلىشىدا يۈز بەرگەن. ئامېرىكىنىڭ تېكساس شىتاتىدىن كەلگەن فېيس، قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى تەنھەرىكەت ھەۋەسكارى باسىيا سوبانسكا بىلەن ئېلا ئوستروۋسكا بىلەن بىرلىكتە بىر مەيدان ئالاھىدە ئاياللىق نازاكىتىگە ئىگە بولغان پولات سىمدا مېڭىش ماھارىتىنى ئورۇندىدى.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى