شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى ھارپىسىدا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى، شىنجاڭ ئالاقە تورى ئۇچۇر ئىشخانىسى چوڭ تىپتىكى ‹‹ئاپتونوم رايونىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش ــ ۋەتەنگە بېغىشلانغان تۈمەنلىگەن ھېكايە›› پائالىيىتىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، شىنجاڭدىكى ياخشى ھېكايىلەرنى سۆزلەش، شىنجاڭ ئاۋازىنى ھەر تەرەپكە يەتكۈزۈش ئارقىلىق ھەقىقىي شىنجاڭنى ئەكس ئەتتۈرۈش ۋە شىنجاڭلىقلارنىڭ يۇرتنى، ۋەتەننى سۆيىدىغان، ئاددىي-ساددا، سەمىمىي ھېسسىياتىنى ئىپادىلەپ بېرىشنى پىلانلىدى. بۇنىڭدا ئاددىي كىشىلەرنىڭ نادىر ھېكايىلىرى سۆزلىنىپ ، ئاددىي شەخسلەر ئارقىلىق چوڭ ئۆزگىرىشلەر ئەكس ئەتتۈرۈلىدۇ، كونا-يېڭى سۈرەتلەر ئارقىلىق يېڭى قىياپەت نامايان قىلىنىپ، كىچىك ھېكايىلەر ئارقىلىق چوڭ ئىشلار يورۇتۇلۇپ، كىچىك ئائىلىدىن چوڭ جۇڭگو ئەكس ئەتتۈرۈلىدۇ.
بىز بۇ بىر يىلدا شىنجاڭدىكى ياخشى ھېكايىلەرنى سۆزلەپ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقى شىنجاڭ ئاۋازىغا قۇلاق سالىدىغان قويۇق كەيپىياتنى شەكىللەندۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىغا سوۋغا قىلىمىز.
روزى نەزەرباغ بازىرى قول ھۈنەر-سەنئەت كوچىسىدىكى ئۇيغۇر دوپپىسى تىكىدىغان ھۈنەرۋەن . ئىلگىرى ئۆيىدە تىككەن دوپپىلار مال جازىسىدا سېتىلىشنى كۈتۈپ تۇراتتى، بۈگۈنكى كۈندە ئىلغار ئۈسكۈنىلەردە تىكىلگەن دوپپىلار تۈركۈم –تۈركۈملەپ شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرى، ھەتتا چەت ئەللەرگىچە سېتىلماقتا.