باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

لى كېچياڭ تېرىلغۇ يەرلەرنى قوغدايدىغان «چىتلاق» نى مۇستەھكەملەپ، دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىنىڭ ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك، دېدى

2015.01.06 17:13         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:  مەڭگۈلۈك ئاساسىي ئېتىز-ئېرىقلارنى ئايرىپ بېكىتىش ۋە ئەسلىھەلىك دېھقانچىلىق يېرىنى باشقۇرۇش تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنى 1-ئاينىڭ 5-كۈنى ئېچىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ يىغىنغا مۇھىم تەستىقىي يوليورۇق بەردى. تەستىقىي يوليۇرۇقتا مۇنداق كۆرسىتىلدى: دۆلىتىمىزدە ئاھالە كۆپ، يەر ئاز، ھەر قانداق ۋاقىتتا تېرىلغۇ يەر ۋە ئاساسىي ئېتىز-ئېرىقنىڭ قىزىل سىزىقىنى ساقلاپ قېلىش كېرەك. سان بىلەن سۈپەتكە تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، مەڭگۈلۈك ئاساسىي ئېتىز-ئېرىقلارنى قاتتىق ئايرىپ بېكىتىپ، ئالاھىدە قوغداشنى قاتتىق يولغا قويۇپ، تېرىلغۇ يەرلەرنى قوغدايدىغان «چىتلاقلار»نى پۇختىلاپ، دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىك ئاساسىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. يېزا ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇشقا، ھەم ئالاھىدە يەر ئىشلىتىش سىياسىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، ھەم ئىشلىتىلىدىغان يەرلەرنى باشقۇرۇشنى قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇش، نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىش، يەر باشقۇرۇش قانۇن-نىزاملىرىغا خىلاپ مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش، مۇقەددەس قانۇن-تۈزۈم ئارقىلىق جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. يەرلىك ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر ئاساسلىق مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي ئۈستىگە ئېلىپ، يېزا يەر تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، يېڭىچە شەھەرلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش جەريانىدا، ئەڭ قاتتىق بولغان تېرىلغۇ يەرنى قوغداش تۈزۈمى ۋە ئەڭ قاتتىق بولغان يەرلەرنى تېجەپ ئىشلىتىش تۈزۈمىنى قەتئىي ئېغىشماي يولغا قويۇپ، مۇنبەت تۇپراق، يېشىل يېزا-قىشلاقلارنى ئەۋلادلارغا قالدۇرۇش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر