باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى ئاش تۇزىنى مەخسۇس باشقۇرۇشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، تۇزچىلىق كەسپىنىڭ ئىسلاھاتىنى تېز ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى تۇنجى قېتىم ئېتىراپ قىلدى

2014.11.21 16:43         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: تۇزچىلىق كەسپىنىڭ تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش لايىھەسىنى ئەستايىدىل مۇزاكىرە قىلىپ تۈزەپ چىقىمىز، تۇزچىلىق كەسپىنىڭ تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ ئومۇمىي يۆلىنىشى ھۆكۈمەت بىلەن كارخانىنى ئايرىش، ئاش تۇزىنى مەخسۇس باشقۇرۇشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشتىن ئىبارەت. بۇ ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ ئاش تۇزىنى مەخسۇس باشقۇرۇشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ھەققىدىكى خەۋەرنى تۇنجى قېتىم مۇئەييەنلەشتۈرۈشى ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭدىن بۇرۇنقى خەۋەرلەردە: تۇزچىلىق كەسپى ئىسلاھاتىنىڭ لايىھەسى كومىتېت مۇدىرى خىزمەت يىغىنىدا ماقۇللاندى، ھەر قايسى مىنىستىرلىق-كومىتېتلاردىنمۇ پىكىر ئېلىنىپ بولدى، دېيىلگەنىدى. ئالتە قىسىمدىن تەركىب تاپقان، 20 تۈرلۈك مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۇزچىلىق كەسپىي ئىسلاھاتىنىڭ لايىھەسىدە تۇزچىلىق كەسپىنى مەخسۇس باشقۇرۇشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش يادرو قىلىنغان بولۇپ، كونكرېت مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە: 2016-يىلىدىن باشلاپ، تۇزچىلىق كەسپىنى مەخسۇس باشقۇرۇشقا ئالاقىدار تۈزۈملەر ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ، ھازىرقى بەلگىلەنگەن ئاش تۇزى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى بازاردىن چېكىندۈرۈلىدۇ، ئاش تۇزى ئوبوروت كارخانىلىرىنىڭ رايون ھالقىپ تىجارەت قىلىشىغا رۇخسەت قىلىنىدۇ، تۇز مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسى ۋە ئاش تۇزىنى توپ تارقىتىپ، ئوبوروت قىلىش تىجارىتى قويۇۋېتىلىدۇ. 2017-يىلىدىن باشلاپ، تۇزچىلىق كەسپى ئومۇميۈزلۈك ھالدا يېڭى لايىھە بويىچە باشقۇرۇلىدۇ. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر