باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ج خ قاتناش ساقچىلىرى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇردى

2014.11.21 13:53         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سۈي يۈنيەننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى قاتناش ساقچى باش ئەترىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ج خ قاتناش ساقچىلىرى 15 – نويابىردىن باشلاپ ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە 80 كۈنلۈك يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا ‹‹بېزىندە(بىخەتەرلىك تاسمىسى) ھاياتلىق تاسمىسى›› تېمىسىدىكى يول قاتناش تەرتىپىنى مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتىنى باشلىغان، پائالىيەت كېلەر يىلى 1 – ئاينىڭ ئاخىرىغىچە داۋاملىشىدىكەن.

  بۇ ھەرىكەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى شوپۇرلار، يولۇچىلارنىڭ بېزىندە تاقاش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش ئىكەن. تەكشۈرۈشكە قارىغاندا، ئۈچ نۇقتىلىق بېزىندىنى تاقىغاندا، شوپۇرلارنىڭ ئورۇندۇقتىكى زەخىملىنىش نىسبىتى %52–%43كىچە (ئاپتوموبىل سۈرئىتىنىڭ ئوخشاشماسلىقىقا قاراپ ئوخشاشمايدۇ) تۆۋەنلەيدىكەن؛ ياردەمچى شوپۇرنىڭ ئورۇندۇقتىكى زەخىملىنىش نىسبىتى%45–%37كىچە تۆۋەنلەيدىكەن؛ بېزىندە تاقىمىغاندا، ئاپتوموبىل سائىتىگە 20 كىلومېتىرلىق سۈرئەتتە كېتىۋېتىپ سوقۇلسىمۇ، تالاپەت كۆرۈلىدىكەن.

  مەخسۇس ھەرىكەت مەزگىلىدە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك ج خ قاتناش ساقچى تارماقلىرى شىنجاڭ تاشيول قاتناش بىخەتەرلىكى مۇداپىئە – كونترول سىستېمىسى قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش مۇلازىمەت پونكىتلىرى، ۋەزىپە ئىجرا قىلىش نۇقتىلىرىغا تايىنىپ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا يۈرگەن چوڭ تىپتىكى ئاپتوبۇس، تىجارەت تىرانسپورت ئاپتوبۇسى، ھۆددىگە ئالغان ساياھەت ئاپتوبۇسى بېزىندىلىرىنىڭ بۇزۇلغان – بۇزۇلمىغانلىقى، شوپۇرلار، يولۇچىلارنىڭ بەلگىلىمە بويىچە بېزىندە تاقىغان – تاقىمىغانلىقى، ئاپتوبۇستا بېزىندە ئىبرەت تەربىيەسى دىسكىسى قويۇلغان – قويۇلمىغانلىقىنى نۇقتىلىق تەكشۈرىدۇ؛ كىچىك تىپتىكى ئاپتوبۇستا ئالدىنقى رەت ۋە ئارقا رەتتە ئولتۇرغان يولۇچىلارنىڭ بېزىندىنى بەلگىلىمە بويىچە تاقىغان – تاقىمىغانلىقىنى نۇقتىلىق تەكشۈرىدۇ؛ شەخسىي ئاپتوموبىل، كىچىك تىپتىكى ئاپتوبۇس ھەم باشقا ئاپتوموبىل شوپۇرلىرى، يولۇچىلارنىڭ بەلگىلىمە بويىچە بېزىندە تاقىغان – تاقىمىغانلىقىنى، كىچىك تىپتىكى ئاپتوبۇسنىڭ ئالدىنقى رېتى ۋە ئارقا رېتىدە ئولتۇرغان يولۇچىلارنىڭ بەلگىلىمە بويىچە بېزىندە تاقىغان – تاقىمىغانلىقىنى نۇقتىلىق ئارىلاپ تەكشۈرىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، ج خ قاتناش ساقچى تارماقلىرى قانۇنغا خىلاپ تىپىك دېلولارنى قەرەلسىز ئاشكارىلاپ، جازانى قوبۇل قىلمىغان شوپۇر، يولۇچىلارنىڭ كىملىك ئۇچۇرىنى تىزىملاپ، تۈركۈمگە بۆلۈپ خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇشىغا يوللايدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر