باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ بىلەن ئالىبابا گۇرۇھى ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى

2014.11.24 12:52         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بىلەن ئالىبابا گۇرۇھى تۈنۈگۈن ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق رامكا كېلىشىمى ئىمزالىدى. ئىككى تەرەپ ئالىبابا گۇرۇھىنىڭ ئىنتېرنېت تورى يادرو قىلىنغان كۆپ مەنبەلىك كەسىپ تەرەققىيات ئۈستۈنلىكى بىلەن بۇلۇت چوت زور سانلىق مەلۇماتلىرى، ئېلېكترونلۇق سودا قاتارلىق ساھەلەردىكى يادرولۇق تېخنىكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ، سىفىرلىق ئالاقە تورىلىق شىنجاڭنى ئورتاق قۇرۇشنى كېلىشىپ بېكىتتى. كېلىشىمدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ئالىبابا گۇرۇھى بۇلۇت چوت مۇستەقىل يادرولۇق تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، شىنجاڭنى ئېلېكترونلۇق ھۆكۈمەت ئىشى ۋە خەلق تۇرمۇشى مۇلازىمىتى قاتارلىق ساھەلەردىكى بىرلىككە كەلگەن سىفىرلاشقان مۇلازىمەت سەھنىسى بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت بۇلۇت چوت مۇلازىمىتىنى ھۆكۈمەتنىڭ كېلىشىمىدىكى سېتىۋېلىش مۇندەرىجىسىگە كىرگۈزىدۇ، بۇلۇت چوتنى ئاساس قىلىپ، ھۆكۈمەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ ئىلمىيلىكى ۋە ئالدىن كۆرەرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

  ئىككى تەرەپ يەنە ئالىبابانىڭ ئېلېكترونلۇق سودا سەھنىسى، تۆلەش سەھنىسى، ئورۇن جۇغراپىيە ئۇچۇرى قاتارلىق بايلىقىغا بىرلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ قاتناش، داۋالاش، ساياھەت، مائارىپ، ئەدلىيە قاتارلىق ھۆكۈمەتنىڭ ئاممىۋىي مۇلازىمىتى ۋە خەلق تۇرمۇشى قاتارلىق مۇلازىمەت ساھەسىدىكى ئېلېكترونلۇق سودىلاشتۇرۇش، سىمسىزلاشتۇرۇش، ئىقتىدارلاشتۇرۇشتىن پايدىلىنىشىغا بىرلىكتە تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىنتېرنېت تورىدىن پايدىلىنىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ ۋە قوللىنىش ساھەسىنى بېيىتىپ، پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشىغا قۇلايلىق يارىتىپ، ھۆكۈمەتنىڭ مۇلازىمەت سەۋىيەسى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، مۇلازىمەت تىپىدىكى ھۆكۈمەتكە قاراپ بۇرۇلۇش ياساشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر