باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دېھقان چارۋىچىلارنىڭ ئىش ھەققىنى بېرىشنى تەكشۈرۈش باشلاندى

2014.11.24 12:46         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، تۇرالغۇ ئۆي ۋە قۇرۇلۇش مىنىستىرلىقى قاتارلىق سەككىز تارماق يېقىندا «دېھقان ئىشەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى بېرىش ئەھۋالىنى مەخسۇس تەكشۈرۈش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشنى» بىرلىشىپ تارقاتتى، 2014-يىلى 24-نويابىردىن 2015-يىلى 10-فېۋرالغىچە پۈتۈن مەملىكەت تەۋەسىدە دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى بېرىش ئەھۋالىنى مەخسۇس تەكشۈرۈشنى قارار قىلدى. ئىش ھەققىنى قەستەن كەينىگە سۆرەپ بەرمىگەن، ئەھۋالى ئېغىر بولغان ئادەم ئىشلىتىش ئورۇنلىرى قانۇن بويىچە ئىشتىن توختىتىلىپ رەتكە سېلىنىدۇ، قۇرۇلۇش كارخانىسى سالاھىيىتى تۆۋەنلىتىلىدۇ ياكى بىكار قىلىنىدۇ ھەتتا تىجارەت كىنىشكىسى ئەمەلدىن قالدۇرىلىدۇ. «ئۇقتۇرۇشتا» مۇنۇلار ئېنىق بەلگىلەندى: بۇ قېتىمقى مەخسۇس تەكشۈرۈشتە ئاساسلىقى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ ئىش ھەققىنى بېرىشكە ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى بېرىش، ئەڭ تۆۋەن ئىش ھەققى بەلگىلىمىسىگە ئەمەل قىلىش ۋە ئېسمىنا قوشۇپ ئىشلەش ئىش ھەققىنى قانۇن بويىچە بېرىش ئەھۋالى؛ كارخانا تىجارەتچىلىرى دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى كەينىگە سۆرەپ بەرمەسلىك ئەھۋالى، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئەمگەك توختىمى تۈزۈش ئەھۋالى قاتارلىقلار تەكشۈرىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر