باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

گۋىنىيەدە ئىبولا قان ئەۋرىشكىسى بۇلاندى

2014.11.24 12:50         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، گۋىنىيەدە يېقىندا بىر قېتىملىق تاشيول بۇلاڭچىلىق دېلوسى يۈز بېرىپ، يولدا كېتىۋاتقان كىرا ئاپتوموبىلىنى توسۇپ يولۇچىنىڭ يانفونى، قىسمەن نەق پۇل ۋە زىبۇ زىننەتلىرىنى بولۇۋالغان. لېكىن بۇلانغان بۇيۇمدا ئىبولا ۋىرۇسى قان تەكشۈرۈش ئەۋرىشكىسى بار ئىكەن.

  شۇ يەر ۋاقتى 21-نويابىر گۋىنىيەنىڭ سەھىيە تارماقلىرى رادىئودا پۈتۈن مەملىكەت پۇقرالىرىغا سۆز بايان قىلىپ، سالاھىيىتى ئېنىق بولمىغان بىر نەچچە بۇلاڭچىنىڭ قان ئەۋرىشكىسىنى قايتۇرۇپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

  ساقچى دائىرىلىرى مۇنداق دېدى: قىزىل كرېست جەمئىيىتىنىڭ بىر خىزمەتچىسى شۇ كۈنى باشقىلار بىلەن بىر ئاپتوموبىلنى كىرا قىلىپ كېتىۋاتقىنىدا توساتتىن بۇلاڭچىلار ئاپتوموبىلنى توسۇپ، بۇ خىزمەتچى ئېلىپ ماڭغان ئىبولا كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچىنىڭ قان ئەۋرىشكىسىنى بۇلاپ ئېلىپ كەتكەن. ئىشتىن خەۋەرسىز بۇلاڭچىلار ئەۋرىشكە ئورامىنى ئاچىدىغان بولسا، ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانمايدۇ دېگىلى بولمايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر