باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر>>جاڭ دېجياڭ

جاڭ دېجياڭ پېرۇدا رەسمىي دوستانە زىيارەتتە بولدى

2014.11.24 12:42         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاڭ دېجياڭ پېرۇ پارلامېنتىنىڭ رەئىسى سوروسانونىڭ تەكلىپىگە بىنائەن 20-نويابىردىن 23-نويابىرغىچە پېرۇدا رەسمىي دوستانە زىيارەتتە بولدى، لىمادا پېرۇ زۇڭتۇڭى ئۇمارا بىلەن كۆرۈشتى، پارلامېنتنىڭ رەئىسى سوروسانو بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

  جاڭ دېجياڭ ئۇمارا بىلەن كۆرۈشكەندە مۇنداق دېدى: مېنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىمنىڭ مەقسىتى، قانۇن تۇرغۇزۇش ئورگانلىرىنىڭ نۇقتىسىدىن ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشلارنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگو بىلەن پېرۇنىڭ دوستانە ھەمكارلىقىنىڭ چوڭقۇر تەرەققىي قىلىشىغا تۇرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشتىن ئىبارەت. جۇڭگو پېرۇنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىلىمات رامكا ئەھدىنامىسىنى تۈزگۈچى دۆلەتلەرنىڭ 20-قېتىملىق يىغىنىنى ئۆتكۈزۈشىنى پائال قوللايدۇ ھەمدە پېرۇ بىلەن بىرلىكتە، يىغىننىڭ ئىجابىي نەتىجىلەرگە ئېرىشىشى ئۈچۈن پائال رول ئويناشنى خالايدۇ.

  ئۇمارا مۇنداق دېدى: پېرۇ جۇڭگونى باشتىن ئاخىرى ئۆزىنىڭ ياخشى دوستى، ياخشى شېرىكى دەپ قاراپ كەلمەكتە. پېرۇ جۇڭگو بىلەن يۇقىرى قاتلامدىكىلەرنىڭ ئالاقىلىشىشىدەك ياخشى ۋەزىيەتنى ساقلاپ، پېرۇ بىلەن جۇڭگونىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدىكى ئالاقىسى ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي مۇئەسسەسە، ئىقتىساد-سودا، مەبلەغ سېلىش، مەدەنىيەت مائارىپ قاتارلىق ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ. جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ پېرۇغا مەبلەغ سېلىپ كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى قارشى ئالىدۇ. جاڭ دېجياڭ سوروسانو بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەندە مۇنداق دېدى: پارلامېنتلارنىڭ ئالاقىسى دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى. مېنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىم، جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى باشلىقىنىڭ پېرۇغا قىلغان تۇنجى قېتىملىق زىيارىتى. جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى پېرۇ پارلامېنتى بىلەن بىرگە، نەزىرىنى جۇڭگو بىلەن پېرۇنىڭ ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد دوست ئۆتىشىگە قارىتىپ، ئورتاق تەرەققىيات نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، قانۇنچىلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش جەھەتلەردىكى تەجرىبىلەرنى ئۆز ئارا ئالماشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو بىلەن پېرۇنىڭ دوستانە مۇناسىۋىتىنىڭ ئىجتىمائىي ۋە ئەل رايى ئاساسىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت.

  سوروسانو مۇنداق دېدى: پېرۇ پارلامېنتى جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى بىلەن قەرەرلىك كېڭىشىش ۋە ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھەر قايسى قاتلاملاردىكى دوستانە ئالاقىسىنى كېڭەيتىپ، ئىككى تەرەپلىك ئەمەلىي ھەمكارلىق ئۈچۈن پايدىلىق شارائىت يارىتىشنى خالايدۇ. سۆھبەت ئاخىرلاشقاندىن كىيىن، سوروسانو پېرۇ پارلامېنتىغا ۋاكالىتەن كومىتېت باشلىقى جاڭ دېجياڭغا چوڭ كرېست مېدالى تەقدىم قىلدى.

  زىيارەت مەزگىلىدە، جاڭ دېجياڭ سوروسانو بىلەن بىرگە جۇڭگو پېرۇ دوستلۇق سارىيىنىڭ يوپۇقىنى ئىچىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە رىكادو پارما ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كۇڭزى ئىنستىتۇتىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر