ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئېلىجان ئىسمائىل خەۋىرى، فوتوسى: خوتەندىكى يازغۇچى، شائىرلارنىڭ ئىجادىيەت سەۋىيەسىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن 18-نويابىر «تارىم» ژۇرنىلى تەھرىراتى كېرىيەدە ئاپتورلارنى تەربىيەلەش كۇرسى ئاچتى. كۇرستا «تارىم» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى ياسىن زىلال لېكسىيە سۆزلىدى. كۇرسقا خوتەن ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات–سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، «يېڭى قاشتېشى» ژۇرنىلىدىكى خادىملار، چىرا، كېرىيە ناھىيەسىدىكى يازغۇچى-شائىرلار ۋە مەدەنىيەت-سەنئەت خادىملىرى قاتناشتى.