باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكىتىمىزدە خەلق تۇرمۇشى بايلىقىغا ئالاقىدار «قوشۇمچە ھەق» تۈرى 20 خىلدىن ئاشىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدىكى «خەلق ئاۋىياتسىيەسى تەرەققىيات فوندى» قاتارلىق تۈرلەر مۇنازىرىگە سەۋەب بولدى

2014.11.24 15:43         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  11-ئاينىڭ 17-كۈنى، مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى سۇ، توك، ماي باھاسىنىڭ 27 مىليارد يۈەن «قوشۇمچە ھەق»نى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى ھەققىدىكى گۇمان ھەققىدە مۇنداق دېدى: دۆلىتىمىز خەلق تۇرمۇشى بايلىقى «قوشۇمچە ھەققى»نى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەمۇرىي، كەسپىي ھەق تۈرلىرى ۋە ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك فوندلارنى تەرتىپكە سالىدۇ ۋە قېلىپلاشتۇرىدۇ؛ پۇقرالار مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ كاتالوگ تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلمىگەن مەمۇرىي، كەسپىي ھەق ۋە ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك فوندلارنى تاپشۇرۇشنى رەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

  يېڭى بېيجىڭ گېزىتى مۇخبىرىنىڭ ئىگىلىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان «قوشۇمچە ھەق» ئېلىش ئەھۋالى جايلاردا ئومۇميۈزلۈك ساقلىنىۋېتىپتۇ، بىر قىسىم جايلار سۇ ھەققى يىغقاندا «جەنۇبنىڭ سۈيىنى شىمالغا باشلاش فوندى»نى، توك ھەققى يىغقاندا «توك يوللىرىنى قوغداش ھەققى»نى قوشۇپ يىغىۋېتىپتۇ، ھەتتا تورخانا ئاچقاندا 300 مىڭ يۈەن «لەۋزىدە تۇرۇش، قانۇنغا رىئايە قىلىش ۋە كەسىپ تەرەققىياتى فوندى» يىغىۋېتىپتۇ، نۆۋەتتە «قوشۇمچە ھەق»نى تەرتىپكە سېلىشتا ناھايىتى زور ئىمكانىيەت بار ئىكەن.

  خەلق تۇرمۇشى بايلىقى «قوشۇمچە ھەققى» 20 خىلدىن ئاشىدۇ

  ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك فوندتىن باشقا، يەنە تۈرلۈك مەمۇرىي، كەسپىي ھەق تۈرلىرىمۇ خەلق تۇرمۇشى بايلىقى «قوشۇمچە ھەققى»نىڭ كېلىش مەنبەلىرىدىن بىرى بولۇپ، سۇ باھاسىغا قوشۇپ يىغىلىدىغان «سۇ بايلىقى ھەققى»، «يۇندى بىر تەرەپ قىلىش ھەققى»، خېبېي، شەندۇڭ، چۇڭچىڭ، شېنجېن، يىنچۈەن قاتارلىق جايلار سۇ ھەققى، گاز ھەققىگە قوشۇپ يىغىۋاتقان «ئەخلەت بىر تەرەپ قىلىش ھەققى» قاتارلىقلارمۇ شۇنىڭ جۈملىسىدىن ئىكەن.

  بۇنىڭدىن باشقا، ماي باھاسىدىن «تۇغۇلغان»، ئايروپىلان بېلىتىگە باغلىۋېتىلگەن «ئاۋىياتسىيە يېقىلغۇسى قوشۇمچە ھەققى»، «تاكسى يېقىلغۇسى قوشۇمچە ھەققى»، «يول يولۇچى تىرانسپورتى يېقىلغۇسى قوشۇمچە ھەققى» قاتارلىقلارمۇ بار ئىكەن. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر