باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بىر تۈركۈم مەمۇرى تەستىق تۈرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ۋە تەڭشەشكە ئائىت قارار چىقىرىلدى

2014.11.24 15:49         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا، گوۋۇيۈەن «بىر تۈركۈم مەمۇرى تەستىق تۈرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ۋە تەڭشەشكە ئائىت قارار»نى بېسپ تارقىتىپ، 58تۈرلۈك مەمۇرى تەستىق تۈرىنى ئەمەلدىن قالدۇردى ۋە تۆۋەنگە چۈشۈردى، 67 تۈرلۈك كەسپىي سالاھىيەت ئىجازىتى ۋە بېكىتىش تۈرىنى ئەمەلدىن قالدۇردى، باھالاپ سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق ئۆلچەمگە يەتكەنلەرنى مۇكاپاتلاش تۈرىدىن 19نى ئەمەلدىن قالدۇردى، 82 تۈرلۈك سودا-سانائەت تىزىملاشتىن بۇرۇنقى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تۈرى كېيىن تەكشۇرۇپ تەستىقلاشقا تەڭشەلدى ياكى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. بۇنىڭدىن باشقا، ئالاقىدار قانۇنغا ئاساسەن تۇرغۇزۇلغان 32 تۈرلۈك مەمۇرى تەستىق تۈرى ۋە كەسپىي سالاھىيەت ئىجازىتىنى بېكىتىشنى بىكار قىلىش ۋە تۆۋەنگە چۈشۈرۈش، ئالاقىدار قانۇنغا ئاساسەن تۇرغۇزۇلغان يەتتە تۈرلۈك سودا-سانائەت تىزىملاشتىن بۇرۇنقى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تۈرىنى كېيىن تەكشۈرۈپ تەستىقلاشقا ئۆزگەرتىش تەكلىپى بېرىلدى. گوۋۇيۈەن قانۇندا بېكىتىلگەن تەرتىپ بويىچە، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا مۇناسىۋەتلىك قانۇن بەلگىلىمىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش تەكلىپى بېرىدۇ.

  بۇ قېتىم ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ۋە تۆۋەنگە چۈشۈرۈلگەن مەمۇرى تەستىق تۈرىنىڭ تۆۋەندىكىدەك ئۈچ خى؛ ئالاھىدىلىكى بار. 1- ئەمەلىي ئۈنۈمى يۇقىرى. 2- بىكار قىلىنغان تۈرلەر كۆپ. 3-مەمۇرى ئىجازەت تەستىقى بولمىغان تۈرلەرنىڭ سالمىقى زور. بۇلارنى بىكار قىلىش ۋە تۆۋەنگە چۈشۈرۈش-كارخانىلارنىڭ مەبلەغ سېلىش تەننەرقىنى تۆۋەنلىتىش، كارخانىلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش، ئاشكارا ئىشەنچىلىك بازار تەرتىپى تۇرغۇزۇشنى تېزلىتىشكە پايدىلىق.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر