باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

پىشقەدەم كەنت مۇدىرى ياسىن ساۋۇت دىنىي ئەسەبىي كۈچلەر بىلەن «كۆرەش» قىلدى

«پەرزەنت ۋە ئەتىراپتىكى كىشىلەرگە دىنىي ئەسەبىي كۈچلەردىن يىراق تۇرۇش تەربىيەسىنى ئېلىپ بېرىش ھەربىر پارتىيە ئەزاسىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى»

2014.11.24 13:41         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاقسۇ ئاخبارات تورى خەۋىرى (مەدىنۇر ئەخمەت خەۋەر قىلىدۇ) بۇ بىر نەچچە كۈندىن بۇيان ياسىن ساۋۇت تولىمۇ خوشال كۆرىنەتتى، ئۇ دائىم كەنت ئاھاللىلەر كومېتىتىغا كېلىپ خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكىلەرنى ئۆيىگە بېرىپ بىرلىكتە بىرەر ئىككى رومكا ھاراق ئىچىشكە تەكلىپ قىلاتتى.

  بۇ يىل 64 ياشقا كىرگەن ياسىن ساۋۇت ئاقسۇ شەھەر ئايكۆل بازار لەنگەر كەنتىدىكى «تۆت پىشقەدەم»نىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ 1994-يىلىدىن باشلاپ كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولۇپ ئىشلىگەن، 2004-يىلى كېسەل سەۋەبىدىن ئۆزلىكىدىن ئىستىپا بەرگەن.

  ياسىن ساۋۇت«ئەسەبىيلىكنى يوقىتىش»خىزمىتىنىڭ يېڭى ئۆزگىرىشىنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېدى: «بۇرۇن بىز دەپتەرلەرنى قولتۇقلاپ ئۆيمۇ ئۆي كىرىپ باشقىلاردىن سۇ ھەققى يىغاتتۇق، يىغىنغا قاتنىشىدىغان كىشىلەرمۇ ناھايىتى ئاز ئىدى، ھازىر كىشلەرنىڭ ئىدىيەسىدە ئۆزگىرىش بولدى، ئۇلار ئاكتىپلىق بىلەن كېلىپ ئۆچىرەتتە تۇرۇپ سۇ پۇلى تاپشۇرىدىغان، يىغىن ئاچسا ۋاقتىدا توللۇق كېلىدىغان بولدى، ياشلار ئارىسىدا ئۇزۇق ساقال قويىدىغان، يۈزلىرىنى ئورىۋالىدىغان ئەھۋاللار يوق دېيەرلىك بولۇپ كەنتىمىزنىڭ ئۇمۇمىي كەيپىياتى كۆپ ياخشىلاندى». مۇخبىر ياسىن ساۋۇتنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مىللەت دىن ئىشلار كومىتېتى دىنىي ئىشلار ئىدارىسىنىڭ ئىشخانا مۇدىرى، لەنگەر كەنتى « ئەل رايىنى ئىگىلەش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەل قەلبىنى مۇجەسسەملەش» خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ جىڭنى ھاراق ئىچىشكە تەكلىپ قىلىشىنىڭ سەۋەبىنى سورىغاندا ئۇ مۇنداق دېدى:« بىز ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلەرگە، خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكىلەرنىڭ بىزگە ئۈچۈن سىڭدۈرگەن ئەجرىگە رەھمەت ئېيتىمىز، ھازىر لەنگەر كەنتىدىكى ئامما دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ خېيىم-خەتىرىنى ھەقىقىي تونۇپ يەتتى، كۆپ ساندىكى ئامما دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ قورشاندىسىدىن قۇتۇلدى، خەلق ئاممىسى خوشاللىقىنى خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى ئەزالار بىلەن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشى كېرەك».

  كەنىتتە ياسىن ساۋۇتنى ئىزدەپ ئۇنىڭغا «كەنتىمىزدىكى كىشىلەر ھاراق ئىچمەيدۇ، سىزنىڭ خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكىلەر بىلەن ھاراق ئىچىشىڭىز ياخشى ئىش ئەمەس» دېگەندەك «ئىدىيە خىزمىتى» ئىشلەش ئويىدا بولغان بىر قىسىم كىشىلەرمۇ بولدى، بىراق ياسىن ساۋۇت نارازى بولغان ھالدا ئۇلارغا ئاچچىقلاپ « قانۇندا ھاراق ئىچسە بولمايدۇ دەيدىغان بەلگىلىمە بارمۇ؟ مەن سىلەرنىڭ پۇللۇڭلارغا ئىچتىمۇ؟ ھاراق ئىچسەممۇ قالايمىقانچىلىق چىقارمىدىم، ئۇلارغا كۆڭلۈمنى ئىپادىلەپ بىرنەچچە رومكا ئىچىپلا ئارام ئالدىم خالاس مېنىڭ ئىشىمغا ئارلاشماڭلار، دىنىي ئەسەبىيي ئىدىيە كاللاڭلارنى چىرمىۋاپتۇ، سىلەر ئەڭ ياخشىسى ‹دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەدىن يىراق تۇرۇش دەرىسى› نى كۆپرەك ئاڭلىساڭلار بولغىدەك، بولمىسا سىلەرمۇ بۇ پاتقاققا پېتىپ قېلىپ ئۆمۈرۋايەت پۇشايمان قىلىسلەر ئۇنىڭدىن باشقا ئائىلەڭلىدىكىلەرگىمۇ زىيان يەتكۈزىسىلەر» دەيتى. كېيىن خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى ھەر دەرىجىلىك رەھبەرنىڭ خىزمەت ئىشلىشى ئارقىسىدا بۇ خىل ئىدىيەدىكى كىشىلەرمۇ ئىدىيەسىنى ئازاد قىلىپ كەنتتە ئەركىن-ئازادە كەيپىيات بەرپا بولدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق مىللەت دىن ئىشلار كومىتېتى دىنىي ئىشلار ئىدارىسىنىڭ ئىشخانا مۇدىرى ، لەنگەر كەنتى « ئەل رايىنى ئىگىلەش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەل قەلبىنى مۇجەسسەملەش» خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ جىڭنىڭ تۇنۇشتۇرىشىچە، ياسىن ساۋۇت پارتىيە تەشكىلىنىڭ تەربىيەسىنى قۇبۇل قىلغان ئۇزۇن يىللىق پىشقەدەم كادىر، گەرچە كەنت خىزمەت گۇرۇپپىسىدىن ئايرىلغان بولسىمۇ بىراق ئىدىيە، ھەرىكەت جەھەتتە ئىزچىل پارتىيە تەشكىلى بىلەن بىردەكلىكنى ساقلاپ كەلگەن. پۈتكۈل كەنتنىڭ ««ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» خىزمىتىنىڭ غەلبىلىك ئىشلىنىشى ئۇنىڭغا ئوخشاش «تۆت پىشقەدەم»لەرنىڭ قوللىشىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. ۋاڭ جىڭ ياسىن ساۋۇتنىڭ نەچچە يىللىق ئەمەلىي ئىش ئىزلىرىنى سۆزلەپ مۇنداق دېدى:« ياسىن ساۋۇتنىڭ ئۈچ ئوغلى بىر قىزى بار، ئۇ تۆت بالىسىنىڭ تويىنى قىلغاندا نۇرغۇنلىغان دوست بۇرادەرلىرىنى چاقىرىپ بېغىدا زىياپەت بەرگەن، شۇنداقلا خەلق ئىچى سەنئەتكارلىرىنى تەكلىپ قىلىپ ناخشا-ئۇسسۇل بىلەن تويىنى تولىمۇ قىزىتىۋەتكەن، بۇ جەرياندا كەنتتىكى كىشىلەر ياسىن ساۋۇتنى ئەسكەرتىپ ‹كەنتىمىزدە ھازىرغىچە توي -تۆكۈنلەردە نەغمە-ناۋا قىلىنىپ باقمىدى،ئۇنداق قىلسىڭىز چوڭلارنىڭ نارازىلىقىغا ئۇچىرايسىز› دېگىنىدە ياسىن ساۋۇت ‹مەن بالامغا نەزىر ئەمەس توي قىلىپ بەردىم ، ئۆمىرىدە بىر كېلىدىغان تويى جىمجىتلا ئۆتۈپ كېتەمدۇ، توي ئەسلىدىنلا بىر خوشاللىق ئىش تۇرسا، ھەم بىز ئۇيغۇر خەلقى ناخشا-ئۇسسۇلغا ماھىر كىشىلەر ، بۇنىڭ يامان بولىدىغان ھېچقانداق يېرى يوق› دەپ ئۇلارنى چىرايلىقچە رەت قىلدى».ياسىن ساۋۇت مۇنداق دېدى :«ئەمەلىيەتتە تۆت بالامنىڭ تويىنى قىلغاندا ھېچقانداق بىر دىنىي زاتلار مېنى ئىزدەپمۇ كەلمىدى، چۈنكى مەن كەنتىمىزدە ئۇزۇن يىللىق مۇدىرلىق خىزمىتىنى قىلدىم ، شۇنداقلا مەن بىر پارتىيە ئەزاسى، شۇڭا مەن ئۇنداق قالاق، خۇراپىي ئىدىيەلەر بىلەن كۆرەش قىلىشىم كېرەك، ئىشىنىمەنكى پارتىيە-ھۆكۈمەتنىڭ توغرا رەھبەرلىكى، كەنتىمىز رەھبەرلىكىنىڭ توغرا باشلامچىلىقى بولىدىكەن، كەنتىمىز خەلقى قالاق ئىدىيەدىن قۇتۇلۇپ تېزلا ھاللىق سەۋىيەگە يەتكۈسى».

  ئۆتكەن يىلى 8-ئايدا كەنتتىكى بىر ياش توي خېتى ئالمايلا توي قىلغان، ياسىن ساۋۇت كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىدىكى رەھبەرلەر ۋە خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكىلەر بىلەن قانۇنى بىلىم تەشۋىقات تەربىيەسى ئېلىپ بېرىپ، ئەتىراپتىكى قانۇنسىز ئىش-ھەرىكەتلەرنىڭ قانۇننىڭ جازاسىغا ئۇچىرىغانلىقىنى مىسالغا ئېلىپ ئۇنىڭغا خاتالىقىنى تونۇش پۇرسىتى بەرگەن، ئىككىنچى كۈنى بۇ بىر جۈپ ياش يېزا خەلق ئىشلار ئورنىغا بېرىپ توي-خېتى رەسمىيىتىنى بىجۈرگەن شۇنداقلا، بۇنىڭدىن كېيىن قانۇنغا رىئايە قىلىدىغان زامانىۋى ياشلاردىن بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ياسىن ساۋۇت مۇشۇنىڭغا ئوخشاش تىپىك ئىشلارنى كۆپ قېتىم قىلغان شۇنداقلا كەنت ئىچىدە كۆپ قېتىم قانۇن تەربىيەسى ئېلىپ بېرىپ ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشكەن. نۆۋەتتە قانۇنسىز توي قىلدىغان ئىشلار يوق دېيەرلىك بولغان ياخشى كەيپىيات بەرپا بولغان.

  كەنت ئاھالىسى مەمەت ياسىن مۇنداق دېدى:« بىزنىڭ پىشقەدەم مۇدىرىمىز ياسىن ساۋۇت خىزمەت قىلىۋاتقان مەزگىلدە تولۇقلىما ياردەم پۇلى ئىلتىماس قىلىش، مەبلەغ توپلاش قاتارلىق ئۇسسۇللار ئارقىلىق كەنتتكە تۇربا سۈيى يەتكۈزۈپ بېرىپ، 270 ئائىلىلىكنىڭ ئىچىملىك سۇ مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ بەرگەن؛ كەنت ياچېيكىسى ۋە كەنت ھۆكۈمىتىنىڭ تەلىپىگە بىنائەن ياسىن ساۋۇت بىزنىڭ چىلان تىكىشىمىزگە يىتەكچىلىك قىلىپ، كەنتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي كىرىمىنى زور دەرىجىدە ئاشۇردى...» ئىگىلىنىشىچە ياسىن ساۋۇت كەنت كومىتېتىنىڭ مۇدىرلىق خىزمىتىنى ئىشلەۋاتقان ۋاقىتتا كەنت ئۈچۈن كۆپلەپ ئەمەلىي ئىش قىلىپ بەرگەن. بۈگۈنگە كەلگەندە خىزمەت ئورنىدىن ئايرىلىپ پىنسىيەگە چىققان بولسىمۇ يەنىلا كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ خىزمىتىگە ئاكتىپ ماسلىشىپ كەنت ئاممىسى ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ كەنت ئاممىسىنىڭ ھۆرمەتلىشىگە ئېرىشكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر