باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

مايۈن شىنجاڭدا(1)

2014.11.24 15:13   مەنبە: خەلق تورى

مايۈن شىنجاڭدا(1)

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئالدىنقى ھەپتە، ئالىي بابا گۇرۇھى مۇدىرىيەت ئىدارىسىنىڭ رەئىسى مايۈننىڭ ئۆمەككە باشلامچىلىق قىلىپ شىنجاڭغا تەكشۈرۈشكە كېلىدىغانلىق خەۋىرى تارقىلىپ يۈردى، بۈگۈن ئاخىرى سۈرەتلەر ئارقىلىق خەۋەرنىڭ راستلىقى ئىسپاتلاندى.

  ئالىي بابا گۇرۇھى مۇدىرىيەت ئىدارىسىنىڭ رەئىسى مايۈن شىنجاڭ ياۋ ائات گۇرۇھىدا تەكشۈرۈشتە بولدى. ئۇنداقتا مايۈن شىنجاڭغا زادى نېمە ئىش بىلەن كەلدى، مايۈننىڭ شىنجاڭغا كېلىشىنىڭ بەلكىم شىنجاڭنىڭ دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى تاۋباۋ تورىدا بازار تېپىپ كەتكەنلىكى، توردا سېتىلىشىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ مەملىكەت بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن.

  19-نويابىر، ئالى تەتقىقات ئورنى ھېسابلاپ چىققان ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2014-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، شىنجاڭلىق سودىگەرلەرنىڭ تاۋباۋ تيەنماۋدا ساتقان شىنجاڭنىڭ ئالاھىدە دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى 1 مىليارد 308 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش ۋاقىتتىكىدىن %68.7ئاشقان، تاۋباۋ تورىدىكى سېتىلىشىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەت بويىچە 1-ئورۇندا تۇرغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، 2013-يىلى شىنجاڭدا 1688 سۇپىسىدا سېتىلىش سوممىسى 214 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش ۋاقىتتىكىدىن %1883 ئاشقان. مۇخبىر بۇ سانلىق مەلۇماتلاردىن، چىلان، ياڭاق، قۇرۇق ئۈزۈم، پاختىلىق يوتقان، پاقلان گۆشى قاتارلىق مەھسۇلاتلارنىڭ ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى بىلگەن. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، خوتەننىڭ قولدا توقۇلغان گىلىمى، شىنجاڭ ساياھەت لىنىيىسى قاتارلىقلارمۇ نۇرغۇن تورداشلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان.شىنجاڭنىڭ تور ئەھلى 10 مىليون 940 مىڭدىن ئېشىپ، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە 9-ئورۇندا تۇرغان.

【1】 【2】 【3】 
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·2015-يىلىدىن باشلاپ، شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باھالاش ئۆلچىمىنى ئۆزگەرتىدۇ، جەريان خاراكتېرلىك ب…
      ·شىنجاڭ: ئەڭ ياخشى مائارىپ بايلىقىنى ئەڭ چەت رايونلارغا يەتكۈزىمىز
      ·«تولۇق 3-يىللىقتا پەقەت ئەدەبىيات، ماتېماتىكا، خەنزۇ تىلىنىلا ئۆگىنىشكە بولمايدۇ»
      ·دۆلەت ھۆكۈمەتنىڭ ئەۋەتىشى بىلەن چەت ئەلدە ئوقۇشقا بۇ يىل 23 مىڭ كىشى قوبۇل قىلدى
      ·جۇڭگو-قازاقىستان مەركىزىي بانكىلىرى ئۆز پۇللىرىنى ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى ئىمزالىدى
      ·مەرھابا ئاسپىرانت قىزلار، تىرىشچانلىقىڭلارغا ئاپىرىن
      ·تۈركىيە ۋە ئىتالىيە زۇڭلىسى بىرلەشمە مۇخبىرلار يىغىنى ئۆتكۈزدى(1)
      ·تۈركىيەدە بىر ئايال ساقچىلار ئالدىدا ئۇسسۇل ئويناپ ئېتىراز بىلدۈردى(1)
      ·3-نۆۋەتلىك ئۆزتۈرك مۇكاپاتى12-دىكابىر تارقىتىلىدۇ
      ·ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئىسلاھاتى لايىھەسىدىكى مۇستەقىل ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش سىياسىتى ئېلان قىلىنىش …