باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

كىم جۇڭئىن پوتىنغا خەت يېزىپ، رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئۈمىد قىلدى

2014.11.21 16:46         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

   20-نويابىر رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى لاۋروۋ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جۇڭئىن ئۆز قولى بىلەن رۇسىيە زۇڭتۇڭى پوتىنغا يازغان خېتىدە، چاۋشيەننىڭ رۇسىيە بىلەن مۇناسىۋەتنى ئومۇميۈزلۈك راۋاجلاندۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  

  لاۋروۋ شۇ كۈنى موسكۋادا كىم جۇڭئىننىڭ ئالاھىدە ئەلچىسى چۆ ريۇڭھى بىلەن كۆرۈشتى. ئۇچرىشىشتىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا لاۋروۋ مۇنداق دېدى: كىم جۇڭئىن چۆ ريۇڭھى ئارقىلىق ئەۋەتكەن خېتىدە چاۋشيەننىڭ رۇسىيە بىلەن ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلدۇرۇشنى، چاۋشيەن يېرىم ئارىلىدا ساقلانغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش توغرىسىدا رۇسىيە بىلەن ھەمكارلىشىشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  چۆ ريۇڭھى بۇ قېتىمقى زىيارەت ۋە كىم جۇڭئىننىڭ پوتىنغا ئەۋەتكەن خېتىنىڭ ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ زور تەرەققىياتقا ئېرىشىشىگە پايدىلىق تەسىر كۆرسىتىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر