باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ھەر قايسى تەرەپتىكى كۈچلەر كاڭدىڭدىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىنى قۇتقۇزۇشقا پائال ئاتلاندى

2014.11.24 12:47         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ 23-نويابىر خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقىدىن ئۇقىشىچە، سىچۈەننىڭ كاڭدىڭدا 6.3 بال يەر تەۋرىگەنلىك ئەھۋالى ۋە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئەھۋالىغا ئاساسەن، تۆنۈگۈن سائەت 10 دا، دۆلەتلىك ئاپەتنىڭ زېيىنىنى ئازايتىش كومىتېتى، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى دۆلەتنىڭ 4-دەرىجىلىك ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش جىددىي تاقابىل تۇرۇش ئىنكاسىنى جىددى يولغا قويۇپ، خىزمەت گۇرۇپپىسىنى ئاپەت يۈز بەرگەن رايونغا ئەۋەتىپ، ئاپەت ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ، كاڭدىڭ يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەن رايوندىكى ئاپەتكە ئۇچرىغا ئاممىنى ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىگە ياردەملىشىپ يېتەكچىلىك قىلغان.

  سىچۈەن ئۆلكىسى گەنزى زاڭزا ئاپتونوم ئوبلاستلىق ھۆكۈمەت ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ تونۇشتۇرىشىچە، تۆنۈگۈن سائەت 18 گە قەدەر، كاڭدىڭدا 22-نويابىر يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتە بۇ ئوبلاستنىڭ ئالتە ناھىيىسى 55 يېزىسى ئاپەتكە ئۇچرىغان بولۇپ، بەش كىشى قازا قىلغان، 54 كىشى يارىلانغان، 79 مىڭ 500 كىشى ئاپەتكە ئۇچرىغان. 6300 دىن ئارتۇق كىشى يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان. سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ كاڭدىڭدىكى 6.3 بال يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىگە ياردەملىشىش ئۈچۈن، 23-نويابىر مالىيە مىنىستىرلىقى، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى كاڭدىڭدىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغان ئاممىنى جىددىي يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇش، ئۆتكۈنچى مەزگىللىك تۇرمۇشىغا ياردەم بېرىش، ئۆرۈلۈپ چۈشكەن ئۆيلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ قايتا قۇرۇش ۋە ئاپەت سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا نەپىقە پۇلى بېرىش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىش ئۈچۈن سىچۈەن ئۆلكىسىگە جىددىي 50 مىيون يۈەن مەركەزنىڭ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش مەبلىغىنى ئاجىراتقان. نۆۋەتتە گەنزى ئوبلاستى قۇتقۇزۇش خادىمىدىن 5600 نى ئەۋەتتى، 793 چېدىر، 6000 كارۋات، يوتقان ۋە نۇرغۇن مېنىرال سۇ، تەييار چۆپ قاتارلىق تۇرمۇش ماددىي بۇيۇملىرىنى تارقاتتى. ئوبلاست، ناھىيە جىددىي قۇتقۇزۇش مەبلىغىدىن 7 مىليون يۈەن ئاجىراتتى، 1 مىليون يۈەن ئىئانە پۇل تاپشۇرۇۋالدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر