باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تۇنجى نۆۋەتلىك دۆلەت تور بىخەتەرلىكى تەشۋىقات ھەپتىلىكى 24-نويابىردىن 30-نويابىرغىچە ئۆتكۈزۈلىدۇ

2014.11.24 12:48         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەركەز تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىشخانىسى، مەركەز ئورگان شىتاتى كومىتېتى ئىشخانىسى، مائارىپ مىنستىرلىقى، پەن-تېخنىكا مىنستىرلىقى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنستىرلىقى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنستىرلىقى، جۇڭگو خەلق بانكىسى، دۆلەتلىك ئاخبارات نەشىرىيات رادىيو كىنو تېلېۋېزىيە باش ئىدارىسى قاتارلىق تارماقلار بىرلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان تۇنجى نۆۋەتلىك دۆلەت تور بىخەتەرلىكى تەشۋىقات ھەپتىلىكى 24-نويابىردىن 30-نويابىرغىچە ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇ قېتىمقى تەشۋىقات ھەپتىلىكى: «تور بىخەتەرلىكىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىپ، تور مەدەنىيلىكىدىن تەڭ بەھرىمان بولۇش»نىباش تېما قىلغان بولۇپ، پۇل-مۇئامىلە، ئېلىكتىرون، ئىلىكتىرونلۇق ھۆكۈمەت ئىشلىرى، ئېلىكتىرونلۇق سودا قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەر ۋە كەسپى تور بىخەتەرلىكى مەسىلىسىنى چۆرىدىگەن ھالدا، جەمئىيەتتىكى ئامما كۆڭۈل بۆلىۋاتقان قىزىق نۇقتىلىق مەسىلىلەرگە قارىتا، تور بىخەتەرلىكىنى چۈشىنىش كۆرگەزمىسى قاتارلىق باش تېمىدىكى تەشۋىقات پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر